تۇرمۇشىمىز بايات
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)
پارتىيەنىڭ نۇرلىرى،ئىللىتتىغۇ دىلىمنى،
ھەممە يەردە توك چىراغ،قاماشتۇرار كۆزلەرنى،
ئۆزگۈرۈشلەر كۆپ بولدى،گۈزەل ئانا يۇرتۇمدا،
يوللىرىمىز ئاسپالىت،قەلبلىرىمىز تۇتاشتى.
راۋانلاشتى ئالاقە،يانچۇقلاردا يانىفۇن،
ئۇچۇرلاشتى ھەممە جاي،ھەممە ئۆيدە تېلېفون،
رەتلەندىغۇ كوچىلار،كۆلەملىشىپ زاۋۇتلار،
شۇنچە رەتلىك بولدىغۇ،كونا-يېڭى ئۆيلەرمۇ.
سەيلىگاھلار قۇرۇلدى،ساناتورىيە بىرگە ھەم،
دېھقانلىرىم خۇشچىراي،مېۋە-چىۋە مول بولدى،
قول سانائەت گۈللىنىپ،تەرەققىيات تىزلىشىپ،
ئىشچان دېھقان خەلقنىڭ،كۆڭلى-كۆكسى توقلاشتى.
تولۇقلىما بىرىلدى،قىلىپ ئىلھام بېيىشقا،
شىپاخانىلار كۆپۈيۈپ،ئەلنى ساغلام قىلىشقا،
قىلىندىغۇ كەچۈرۈم،تۈرلۈك كىتاب پۇللىرى،
بىرىلدىغۇ ئوزۇقلۇق،ساغلام بەدەن قىلىشقا.
مۇئاشىمىز ئۆستىغۇ،تۇرمۇشىمىز باياشات،
بولدۇق بىزلەر خاتىرجەم،پارتىيىمىز يولباشچى،
تەكىتلەنگەچ مۇقۇملۇق،ھەممە ئىناق-ئىتتىپاق،
سۆيۈنۈپ ئىللىق جەمىيەتتىن،ئاۋام قەلبى نۇرلاندى.
كادىر،ئامما دوستلۈشۈپ،قول تۇتۇشتى روھلۇنۇپ،
تېرىشقاچقا ھەممىمىز،تۇرمۇشىمىز باياشات،
ئۇلۇغ ئانا ۋەتىنىم،مەڭگۈ سېنى سۆيىمەن،
سىياسەتتىن نۇرلۇنۇپ،كائىناتنى كىزىمەن.
مۇقىملىقتا چىڭ تۇرۇپ،ئەلنى خاتىرجەم قىلىپ،
ھاللىق جەمىيەت قۇرۇشقا،دادىل ئالغا چامدايمىز،
ئىسلاھاتقا ماسلىشىپ،توغرا يولغا ئاتلىنىپ،
ئۆلگە بولۇپ ھەممىگە،كۆكتە پەرۋاز قىلىمىز.
134 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-7 3:11:59 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|