باھار كىلىدۇ
ئېلشاتجان ئېزىز يىگچى
قارلار ئېرىپ ئېرىقلاردا سۇ ،
ئۆركەشلىگەندە باھار كىلىدۇ .
ئېتىز - ئېرىق تويۇنۇپ سۇغا ،
ئىچكەن چاغدا باھار كىلىدۇ .

جۇدۇنلارنى ئۇزتۇپ زىمىن ،
ئىللىغاندا باھار كىلىدۇ .
سۆگەتلەرمۇ چىقىرىپ نوتا ،
بىخلغاندا باھار كىلىدۇ .

قارىغاچلار ئۇچۇپ ئىگىز–پەس ،
قوغلاشقاندا باھار كىلىدۇ .
ئالما ، شاپتۇل ئېچلىپ چېچەك ،
پۈركەنگەندە باھار كىلىدۇ .

ھاشارەتلەر چىقىپ ئۇۋسىدىن ،
ئۆملگەندە باھار كىلىدۇ .
بۇلبۇللارمۇ قىلشىپ پەرۋاز ،
سايرىغاندا باھار كىلىدۇ .

دېھقان ئاكا كۆتۈرۈپ كەتمەننى ،
چاپقان چاغدا باھار كىلىدۇ .
ھۇسۇل ئۈچۈن تېرىدى ئۇرۇق ،
چاچقان چاغدا باھار كىلىدۇ .

چىقىپ بوران ئۇچۇرۇپ توپا ،
توزىغاندا باھار كىلىدۇ .
يىغلغاندەك تۆكۈلۈپ يامغۇر ،
تامچلىغاندا باھار كىلىدۇ.
2016- يىل 1- مارت كىچە
ئونسۇ دولان 1- دەرىجلىك ئېلېكتر ئىستانسىسى
| 143 قېتىم كۆرۈلدى | yigqi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-3-2 9:53:22 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|