(ئ‍اپپاق ئ‍انا) سىزگە جەننەت تىلەپ

(ئ‍اپپاق ئ‍انا) سىزگە جەننەت تىلەپ

 

گۈلنىگار  مەترۇزى

 

 ئ‍ەسلىدىم بۈگۈن يەنە مەن سىزنى ،

ئ‍ۆيلەردىن ھەم ئ‍ىزدىدىم ئ‍ىزىڭىزنى ،

 كىيىمڭىزنى پۇرىدىم بارمىدۇ دەپ ھىدىڭىزنى،

 ئ‍ەجەپ بىر كەتتىڭىز تاشلاپ نىگارىڭىزنى!

 

بالا دەپ ئ‍ۆتكۈزدىڭىز ئ‍ۆمرىڭىزنى ،

 بالىڭىز ئ‍ورنىدا باقتىڭىز ھەم نەۋرىڭىزنى،

 كىچىككەنمەن بىلمەپتىمەن ئ‍ەجرىڭىزنى،

 قالدۇرۇپ ئ‍ارماندا كەتتىڭىز نىگارىڭىزنى،

 

 مېنى دەپ يۈردىڭىز ھەرۋاقىت سىز پالاقلاپ،

 خۇشاللىقىم ئ‍ۈچۈن كۆتىرەلمىسىڭىزمۇ ھاپاشلاپ،

 ئ‍ەخمەقكەن مەن قېچىپتىمەن كۆزىڭىزنى ياشلاپ ،

 رەنجىگەنمىتىڭىز كەتتىڭىزغۇ مېنى تاشلاپ !

 

 دادام ئ‍وينار قىماردا بىلىپ ئ‍ۇنى ھەسەل ،

 ئ‍ۇنىڭ ئ‍ۈچۈن بىز ئ‍ازاپتا تۆلەيمىز بەدەل ،

ئ‍اچچىقتا ھەم دېگەنتىڭىز ئ‍ۆلسە بوپتىكەن ،

 ئ‍ەمما بىزدە ئ‍امال يوقكەن توشمىسا ئ‍ەجەل !

 

 سەھەر تۇرۇپ دۇئاغا كۆتىرگەن قولىڭىز ،

 ھەر كۆرگەندە مېنى ئ‍ىزىلگەن يۈرىكىڭىز ،

 چوڭ بوپ كەلدىم ئ‍اقلاپ بۈگۈن ئ‍ۈمىدىڭىز ،

 بىر كۆرۋالاي قېنىپ قايداسىز بىر كەلسىڭىز!

 

 ئ‍ادەم بولدى ئ‍وغلىڭىزمۇ تارتتى كۆپ كۈلپەت،

 چوڭ بولدى نەۋرىڭىزمۇ قازانماقتا شۆھرەت ،

 باقاي دېدى تاپالمىدى سىزنى ھەرياقتىن ئ‍ىزلەپ ،

يىغلارمەن (ئ‍اپپاق ئ‍انا) سىزگە جەننەت تىلەپ!

 

 2015-10-28





193 قېتىم كۆرۈلدى nigarhan ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-27 0:39:06  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-12-28 11:25:47 ئابدۇرېھىم
ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇغانتىم بەك ياخشى يازىدىكەنسىز خالىسىڭىز مىنى قوشۋىلىڭ 2198460258
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ