سۆكسۆككە مەدھىيە - باھارگۈل ئىبراھىم

          
‏سۆكسۆككە مەدھىيە    

  باھارگۈل ئىبراھىم


‏كىچىككىنە بىر ئۇرۇق ئىدىڭ،
‏تاشنى يېرىپ ئۈندۈڭغۇ سۆكسۆك.
‏ئىلھام بۇلدى كۈچ ۋە قۇترەتكە،
‏پىداكارلىق شۇ روھىڭ سۆكسۆك.

‏مۇجەسسەملەپ ئىللىق مىھىرنى،
‏تاراتتىڭغۇ ئەل-يۇرتقا سۆكسۆك.
‏يىلتىزلىغاچ چەكسىز قۇملۇقتا،
‏ئىللىقلىققا پۈركۈنۈپ سۆكسۆك.

‏يىلتىز تارتىڭ كەڭرى سايلاردا،
‏شارائىتنى كۆندۈرۈپ سۆكسۆك.
‏تىكلەپ بەردىڭ بۈگۈن ئابىدە،
‏پىدائىيغا ھەمدەم بوپ سۆكسۆك.

‏پۇرىقىڭدىن چېچىلغاچ ئەنبەر،
‏تەڭ ئىللىدى ئاسمان بىلەن يەر.
‏تىۋىشىڭدىن ئىللىغاچ دىللار،
‏شەرىپىڭگە ئېيتىلدى كۈيلەر.

‏كۈلدى قىشنىڭ ئىللىق باھارى،
‏قاپلىغاچقا سۆكسۆك پىلانى.
‏بەھىر ئېلىپ ئىللىدى دۇنيا،
‏ئەھدە تۈزگەچ سۆكسۆك دىيارى.

‏ئويلىنىمەن سۆكسۆك ئۈستىدە،
‏ئۇ گۇياكى مىھىر ئەلچىسى.
‏جاي-جايلاردا چاچار خۇپۇراق،
‏سىلكىنگەچكە«خىزىر»قامچىسى.

‏زىيا چېچىپ تۇغ تىكلىگەچكە،
‏مىھىر بىلەن سۆكسۆك پىلانى.
‏جىلۋە بىلەن كۈلۈپ باقماقتا،
‏يۇرت-يۇرتلاردا مىھىر باھارى.

‏دالىدىكى پىنھان ناخشىسەن،
‏پىدائىيغا ئۈلگەسەن سۆكسۆك.
‏ئۆتمۈش سىنى ئەپ كەتسىمۇ گەر،
‏روھىڭ مەڭگۈ يادلىنار سۆكسۆك.

‏باي چوڭكۆۋرۈك
 

     





26 قېتىم كۆرۈلدى باھارگۈل ئىبراھىم ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-6-29 23:20:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ