شائىر ئۇستازىمىز مۇھەممەدجان راشىدىنغا
شاھى مەردانى
سالام سىزگە ئۇستازىم مۇھەممەدجان راشىدىن،
ھېرىسمەن قىپ ئۇزاقتىن زەپ پاساھەت سۆزىڭىز.
سىزگە ئامەت ئۇتۇقلار تىلەپ تۇردۇق ھەر ۋاقىت،
سالامەت بوپ ئۆزىڭىز كۈلۈپ تۇرسۇن يۈزىڭىز .
بىدئەت ۋە خۇراپات بىخۇدلىقنى قامچىلاپ،
مىسرالارنى يازدىڭىز ئىللەتلەرگە چاچىراپ.
خەلقىمىزنى مىللەتنى كۈيلىدىڭىز ئاسىراپ،
سالامەت بوپ ئۆزىڭىز كۈلۈپ تۇرسۇن يۈزىڭىز.
دىگەنتىڭىز ۋاقىتنى ئالتۇندىنمۇ كۆپ قىممەت،
كىچە كۈندۈز ئىزدىنىپ قىلغانتىڭىز زور ھېممەت.
سىزگە ئوخشاش شائىرلار ئۇيغۇرۇمغا چوڭ نېمەت،
سالامەت بوپ ئۆزىڭىز كۈلۈپ تۇرسۇن يۈزىڭىز.
ھەر بىر يازغان ئەسەرگە بىزدە باردۇر ئىشتىياق،
ھەممە سىزنى سېغىنار يۈرمەڭ ھەرگىز بوپ يىراق.
خەلقىڭىزگە سۇندىڭىز مىڭ پارچىدىن جىقراق ،
سالامەت بوپ ئۆزىڭىز كۈلۈپ تۇرسۇن يۈزىڭىز.