دادا دىدىم كەلمىدى (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

دادا دىدىم كەلمىدى
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

دادا قاچان كېلۇرسەن، كۆز ياشلىرىم سېغىندى،
يىزىپ قويغان خەتلىرىڭ، ھېچ يادىمدىن كەتمىدى.
چۈشلىرىمدە كۆرسەممۇ، پۇرالمىدىم ھېدىڭنى،
ئۆتۈپ كەتتى ئاي،يىللار، دادا دىدىم كەلمىدى.

ھالاۋەتنى كۆرمىدىڭ، زادى خۇشال كۈلمىدىڭ،
بەخت ئىزلەپ بىزلەرگە، جاپا چەكتىڭ ھارمىدىڭ،
ئەقىل بەردىڭ،تاۋلىدىڭ، تەمەلەرنى قىلمىدىڭ،
گۈللەر قىساي دېسەممۇ، لىكىن دادام كەلمىدى.

ئوقۇ دېدى، ئۇقۇتتى، پەزىلەتلىك بول دىدى،
ۋەتەن ئۈچۈن، ئەل ئۈچۈن، ئىزباساردىن بول دىدى،
ئىزلار بېسىپ، چوڭ بولۇپ، بەخت قۇشى قونغاندا،
ئۆتۈپ كەتتى ئاي، يىللار، دادا دىدىم كەلمىدى.

ناكەسلەردىن بولمىغىن، ۋەتەن ئۈچۈن ئەر بول دەپ،
سوتسىيالىستىك قۇرلۇشقا بار كۈچۈڭنى قوشقىن دەپ،
مۇنبەرلەردە تاۋلىنىپ، قالتىس باغۋەن بولغىن دەپ،
كىتىپ قالدى جان دادام، دادا دىدىم كەلمىدى.
     





39 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-28 5:24:54  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ