ئايغا قاراپ
پاتىگۈل
شۇ مۇدھىش كىچە ھەرخىياللار سۈرۈپ،
ئولتۇراتتىم جىمجىتقىنە سۈكۈت بىلەن.
قەلبىم تۈكەتتى قايغۇلۇق ئۈنسىز ياشلار،
ياشقىنا جېنىم پۇچلىناتتى دەرت بىلەن.
ئۇھسىرايتىم يۈرەكتىن ئېغىر تىنىقتا ،
دەرتلىرىمنى تۈكىدبغان جاي تاپالماي.
ساددا ھەم ئاجىزغىنە بۇ نازۇك جىسىمىم،
غېرىپ ۋە سەرسانلىقتا ئارام ئالالماي.
شۇ كىچە ،شۇچاغ تىنىمسىز ئايغا قاراپ،
يۈزلىرىمنى بويلىغان مارجاندەك يېشىم.
سىغدۇرالماي شۇ رەھىمسىز ربئاللىقنى ،
پىكىرىم چېچىلغان، ئاغرىغان بېشىم.
بولدى بەس! تۇر-دىدىممەن ئۈزۈمگە خىتاپ،
ئاھ ئۇرۇپ، ياشلار تۈكۈش ياراشماس ماڭا .
كۈتۈرگىن بېشىڭنى قەددىڭنى رۇسلا ،
سۈرتكىن ياشىڭ، يوللرىرىم ئۇچۇقتۇر ئاڭا.
| 18 قېتىم كۆرۈلدى | پاتىگۈل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-21 1:30:38 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|