قارغا پېتىش - ئ‍ېزىزتۇرسۇن خەنجەرى

         
 قارغا پېتىش

 ئ‍ېزىزتۇرسۇن خەنجەرى

يۈزلىرىمنى سۆيمەكتە ئ‍اق قار،
شامال بىلەن ئ‍ۇچۇپ ھەرياققا،
ئ‍اپئاق قارغا يېيىپ ئ‍ۆزۈمنى ،
كەتمەكتىمەن ئ‍اچچىق خىيالغا.

تىللىرىمنى كىسىۋەتكۈم بار،
كۆزلىرىمنى ئ‍ۇيىۋەتكۈم بار.
قۇلىقىمغا قۇيۇپ قايناقسۇ،
مىڭەمنىمۇ چەيلىۋەتكۈم بار.

ئ‍اھ،بۇيۈرەك نىمانچە يامان،
چىدايدىكەن خېلى ئ‍ىشلارغا.
يازغا ئ‍ېلىپ قۇيۇپ شادلىقنى،
ھەسرىتىمنى يازدىم قىشلارغا...

تۇتۇق قۇياش،كىرلەشكەن ئ‍اسمان،
قارغا پېتىپ ئ‍ولتۇردۇم روھسىز.
ياغماقتىمەن قارغا قۇشۇلۇپ،
لەپ-لەپ ئ‍ەمەس،دەھشەت يېقىمسىز...

2016-يىل 3-فېۋرال
     





93 قېتىم كۆرۈلدى margimux ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-27 23:39:15  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ