مەرپۇ خىنىمغا
ئاپتۇرى :مەخسۇم ھىپز (ئاققاش)
مىھرى ئوتلۇق كۈزى نۇرلۇق بىر قىز بار ،
ئەركە كۆڭلى بىرەرسىگە قونمىغان .
رىئاللىقتا بولماس ھەرگىز ماڭا يار ،
پەرھاتقىمۇ نەزەر سىلىپ قويمىغان .
ئۇ بىر گۇزەل ئون بەشكۇنلۇك تۇلۇن ئاي ،
خىيالدىمۇ ياخشى كۇرۇش چەكلەنگەن .
ئىسىل نەسلى ئەسلى ۋەسلى روھى باي ،
نىھايەتكى كۆڭلۈم ئاڭا بەتلەنگەن .
ئىنتىزارمەن ئۇنىڭ نۇرلۇق يۈزىگە ،
مىھرى كۈلگەن ئۇنىڭدەك قىز بولمىغاچ .
مەناسى بار بىر جۈپ شەھلا كۆزىدە ،
ئەخلاق بىلەن غۇنچە بۇيى لىق تولغاچ .
ناخشا ئىيتىپ تۇمۇچۇقتەك سايرايدۇ ،
سەھەردىلا شاخقا قونغان بۇلبۇلدەك .
ئسىل بولغاچ شائىر ماختاپ ھارمايدۇ ،
زەپەر قۇچقان يايلاقتىكى دۇلدۇلدەك .
گۈللۈك باغدا ئەسرالىشىپ ئۆتۈنۈپ ،
ئەي پەرى دەپ قارىسام جان يايرىدى .
ئايمۇ خىجىل بولدى دەرھال مۆكۈنۈپ ،
مەرپۇ خىنىم دەپ، ئىسىمنى سايرىدى .
راھەت بۈلدۈم ئۇ سىز يالغۇز قىلىشتىن ،
ئارتۇق بۇلۇپ چۆلدە سۇ سىز قىلىشنى .
قاپيۇرەكلىك بىلەن تەلەپ قۇيۇشتىن ،
سىناپكۇرەي سۇ سىز ئۇسساپ ئۆلۇشنى .
ئىسىل يۇرتۇم قەشقىرىمنىڭ قىزى سىز ،
زەمزەم كەبى شىرىن تاتلىق سۆزىڭىز .
چىنە باغنىڭ نۇرلۇق چولپان يۇلتۇزى ،
ئۆزى سۆزلەر بىر جۈپ قارا كۆزىڭىز .
2017-3-26
| 189 قېتىم كۆرۈلدى | AKKAX | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-28 4:56:45 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|