قارغا خىتاب (نەسىر )
ئابلىمىت ئابلەت
ئەي، پاكلىقىنىڭ سىموۋلى بولغان ئاپئاق قار، سەن يەنە يىغىۋاتامسەن؟ سەن نۇمۇسسىزلارچە، ئاشىقلارنىڭ يۇرىكىدە لاۋۇلداتقان گۈلخاننى ئۆچۈرۈپ، ئاشىقلارنىڭ پاك، مۇھاببەتلىك يۈرىكىنى مۈزلاتماقچىمۇ؟ سەن بىلىسەنغۇ، بىچارە ئاشىقنىڭ مەشۇغىنى كۆرەلمەي ئازاپتا ئۆرتىنۋاتقىنىنى؛ سەن بىلىسەنغۇ ئاشۇ كۆيۇشكەن بىر جۈپ يۇرەكنىڭ بىر-بىرىنى سىغىنىپ مۇھەببەت ئوتىدا پۇچۇلنىۋاتقىنىنى.....
سەن بۇ پاك مۇھاببەت ئوتىنى ئۆچۈرۈپ نىمىگە ئىرىشمەكچى، ئەي قار؟
ئاشق-مەشۇقلارنىڭ ھەممىسى سىنى پاك مۇھاببىتىنىڭ گۈۋاھچىسى قىلىپ چىن ۋەدىلەرنى بىرىشىدۇ. سىنىڭ پاكلىقىڭنى، پاكلىقىڭنى ئۆز مۇھەببىتىنىڭ سىموۋلى قىلىشىدۇ. ئەي قار، سەن شۇ پاك مۇھەببەتنىڭ سىموۋلى، چىن ۋەدىلەرنىڭ شاھىدى تۇرۇپ يەنە نىمە ۋەجىدىن يالقۇنجاپ تۇرغان مۇھەببەت ئوتىنى ئۆچۈرمەكچى ، پاك مۇھەببەتلىك يۈرەكلەرنى مۇزلاتماقچى بولىسەن؟ نىمىشقا؟ نىمىشقا؟ نىمىشقا؟
ئەي قار، بىلىپ قال! ھەقىقى مۇھەببەت ھەرگىزمۇ ئۇچقۇن ئەمەس، سەندىن قورقۇپ ئۆچۈپ قالدىغان؛ بىلىپ قال! پاك مۇھاببەتكە تولغان يۈرەك سىنىڭدە مۇزلاش تۈگۈل بەلكى سىنى ئۆز ھارارىتىدە ئىرىتىدۇ!
شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىنىستىتوتىدىن ئابلىمىت ئابلەت
185 قېتىم كۆرۈلدى | tiwep | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-30 0:16:13 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|