ھەسرەتلىك سۆيگۈ
ناخشا تىكىستى
رىزۋانگۈل (مودەن)
مۇھەببەتنى جاندىنمۇ ئەزىز بىلەتتىم،
سىنىمۇ ھەم شۇنداق بىلەر دەپتىمەن .
چىن دىلدىن يايرىم دەپ كۆڭلۈمنى بىرىپ،
مىنىمۇ يۈرەكتىن سۆيەر دەپتىمەن .
بارلىقىم دەپتىمەن چۈشەنمەي ئەسلا،
ئىشقىڭنى باشقىغا بىرىپسەن نىگار.
چىرايلىق ۋەدەڭدە ئالداپسەن مىنى،
ئەقىدەم گۈلىنى قىلىپ خارۇ-زار.
يۈز ئۆرۈپ ئۆزگىگە ئېچىپسەن قۇچاق،
گۈل قىلىپ يۈرەكنى تۇتسام مەن ساڭا.
ئالدىڭدا خەسمىدۇر مۇھەببەت دىگەن ،
ئەي دىلدار قەلبىڭدىن جاۋاب بەر ماڭا
ئۆرتىدىڭ قەلبىمنى ئاچچىق ھەسرەتتە،
كۈتكەنتىم مەن سىنى چىن مۇھەببەتتە.
سۇرىقى بولىدۇ ئۇۋالچىلىقنىڭ،
ئۇنۇتما ئاھ!-جېنىم تاڭلا قىسمەتتە.
سۈيۈلۈش ،سۈيۈشنى بىلەمسەن نىگار،
بىر دىلغا ئىككى يار قانداقمۇ سىغار.
ھېچ بىر جان كەچۈرمەس ۋىجدانسىز يارنى،
مۇھەببەت قىساسى يىغلىتىپ زار-زار.
تاڭدىكى شەبنەم
2016-يىلى 17-ئىيول.مەكىت
| 47 قېتىم كۆرۈلدى | رىزۋانگۈل (مودەن) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-1 13:09:15 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|