ئەنسىرمە جان ئانا

‏ئەنسىرمە جان ئانا

 

 ‏كىشى يۇرتىدا مۇساپىر بالام دەپ،

 ‏بىشىڭنى ئاغرىتتىمۇ يەنە شۇ غەم.

 ‏ئاچ-توق،كىيىمسىز قالدىمىكىن دەپ،

 ‏كىرپىكلىرىڭگە چىلاشتىمۇ يەنە نەم.

 

 ‏ ‏توسقاندىمۇ يۇلنى دۈشمەنلىرى دەپ،

 ‏دەككە دۈككىدە ئەزدىڭمۇ يۈركىڭنى.

‏ياتقان ئۆيدە شەيتان بارمىكىن دەپ،

 ‏ياراتقۇچىدىن ئۈتۈندىڭمۇ ساقلىقىمنى.

 

‏ ‏ئەنسىرمە جان ئانا ماڭا ھەمرا دۇۋايىڭ،

 ‏ئازمىدىم يولدىن ئەركەك يولدا قەدىمىم.

 ‏ئازاپتا قالغىنىمدا مۇڭداش ماڭا سىياقىڭ،

 ‏سىنى سۈيىمەن پەقەت سەنلام ھاياتىم.

 

 ‏قەلەمدە: ئەيساجان مىجىت ‏





150 قېتىم كۆرۈلدى oYGaK ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-26 18:34:48  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ