باشلانغاندا ئازابى ئاچچىق تولغاق دەردىدە ،
كەلگەن ئىدى ئۇنىدىن پۇتكۇل ئالەم لەرزىگە .
ئەۋلادىم دەپ ئازاپنى ئالماشتۇرغان سەبرىگە،
كەچۇر تۇققان ئانامدىن كىچەلمەيمەن سەن ئۇچۇن.
پەرزەنتىم دەپ پەپىلەپ قارچۇغىدا كۆزىدە ،
ماڭا بەرگەن ئىسسىق نان قالمىسىمۇ ئۆزىگە .
چىداپ كەلگەن مەن ئۇچۇن نى نى جاپا جەبرىگە ،
كەچۇر باققان ئانامدىن كىچەلمەيمەن سەن ئۇچۇن .
مەن تۇغۇلسام خوش بولۇپ جان قوشۇلغان جىنىغا،
پەرزەنتىم دەپ چىڭ باسقان قورۇق باسقان تىنىغا .
ئاغرىپ قالسام يۇگىرەپ دوختۇر تىۋىپ يىنىغا،
كەچۇر مەغرۇر ئاتامدىن كىچەلمەيمەن سەن ئۇچۇن.
تەڭ قىلماستىن ھىچكىمگە تىك كۆتۇرۇپ بىشىدا ،
دەيتى ئوغلۇم ئەركەك بول كۆيگەن خەلقىڭ ئىشقىدا .
مەن ئوقۇسام شەھەردە كەتمەن چاپقان ئىتىزدا ،
كەچۇر پەخرىم ئاتامدىن كىچەلمەيمەن سەن ئۇچۇن .
جان ئانامنىڭ سىماسى بار ئۇلارنىڭ يۇزىدە ،
پاسىبانىم ئاتامنىڭ نۇرى باردۇر كۆزىدە .
ئاتا _ ئانام قالدۇرغان ئەخلاقى بار قەلبىدە،
قىرىنداشىم باغرىمدىن كىچەلمەيمەن سەن ئۇچۇن.
مىراس قالغان ئاتامدىن بىزگە ئەقىل پاراسەت،
مىراس قالغان ئانامدىن بىزگە مىھرى - مۇھاببەت.
ئاتا - ئانام قالدۇرغان ئۇلار ماڭا ئامانەت،
قىرىنداشىم بارىمدىن كىچەلمەيمەن سەن ئۇچۇن.
ھەمراھ بولغان يانمۇ - يان ھاياتىمنىڭ سەپرىگە ،
مىنى يالغۇز قويمىغان قالسام جاپا - جەبرىگە.
جىنازامنى كۆتۇرەر ماڭسام ئەتە قەبرىگە ،
كەچۇر دوستۇ يارەندىن كىچەلمەيمەن سەن ئۇچۇن .
2015.8.1
| 2949 قېتىم كۆرۈلدى | 18699977794 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-8-1 12:49:16 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
| 2017-3-10 22:42:41 | SEVIYORUm |
| بەك ياخشى يېزىلىپتۇ،بەكمۇ ياقتۇردۇم،،داۋاملىق ئەسەر ئەۋەتىپ تۇرۇڭ | |
| 2016-10-12 20:20:59 | گۈزەلنۇر |
| بەك ياخشى يېزلىپتۇ | |
| 2016-6-21 1:46:21 | alimagul |
| bak yahxi yizliptu abamnig yurkiga bardi silarga apirin | |
| 2016-6-21 1:43:19 | alimagul |
| bak yahxi yizliptu adamning yurkiga bardikan silarga apirin | |
| 2016-3-25 12:34:37 | خالىد |
| بەك ياخشى يېزلىپتۇ رەھمەت | |
| 2016-3-25 12:33:56 | خالىد |
| بەك ياخشى يېزلىپتۇ رەھمەت | |
| 2016-1-17 11:12:45 | muslima |
| bak,yahxiyiziliptu | |
| 2016-1-6 0:11:18 | anwar jan |
| kiqal mayman bak yahxi ikan rahmat | |
| 2015-10-3 17:49:28 | ئابدىرىم |
| ناھايتى ياخشى يىرىپتۇ بەك ياختۇردۇم | |
| 2015-9-16 7:31:38 | azimat |
| Bakla yahxi yiziptu | |
| 2015-8-7 12:51:59 | خان |
| بەك ياخشى يېزىلىپتۇ بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ تىرىشقىن | |
| 2015-8-6 9:29:28 | ئاينۇر |
| ناھايتتى ياخىشى يېزىلغان ئەسەر بوپتۇ بۇنىڭدىن كىيىنمۇ تېرىشىڭ | |
| 2015-8-6 2:41:24 | abdurahman |
| hakikatan yahxi yiziliptu inxa alla ajriga | |
| 2015-8-6 0:43:25 | xahnaz |
| bak yahxi yizelep tu | |
| 2015-8-5 23:12:34 | گۇلۇم |
| بەك ياخشى يېزىلىپتۇ بەك ياقتۇردۇم | |
| 2015-8-2 19:59:02 | nasrdn |
| alamat yezip sa adax dawamlik yizip turhin | |
| 2015-8-2 13:20:31 | رابىيە |
| بەك ياخشى يېزىلىپتۇ بەك ياقتۇردۇم ساقام ئەرۋاق سالامەت بول ئاللا زېىھنىڭنى تېخىمۇ ئوچۇق قىلسۇن | |
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|