ھەركىم قىلسا قىلار ئۆزىگە
ئەخمەتجان ئەخەت
ئاغرىنىدۇ ئەلدىن ئورۇنسىز،
بەزى بىرلەر ئەلەمدە قېلىپ .
سەن سەۋەپچى دەيدۇ ھەممىگە،
ئۆزى خاتا قەدەمنى ئېلىپ.
بىر ھىكمەت بار ئەجداتتىن قالغان،
يالغۇز قولدىن چىقمايدۇ چاۋاك.
بەكمۇ ئاسان سۇنار پور ياغاچ،
بولغاچ ئۇنىڭ ئىچى بوش كاۋاك.
ھەر كىم قىلسا قىلار ئۆزگە،
كىم كىملەرنى قىلدۇ مەجبۇر.
قىل دىگەننى قىلارمۇ ھەركىم،
خاتا بولسا بولسا گەر غورۇر.
ھەركىم قىلىپ خاتانى ئۆزى ،
نەھاجەتتۇر ئاغرىنماق ئەلدىن.
ئىگەم بەرگەن ئەقىلنى تەڭشەپ،
ئاغرىنسۇن ئۇ قىلغان ئەمەلدىن .
120 قېتىم كۆرۈلدى | ئەخمەتجان ئەخەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-2-6 0:10:09 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|