دوستۇم بول
ئېلىجان ئابدۇكېرەم بارچۇق ئوغلى
دەرتلىرىمگە دەرمان بولالىساڭ دوستۇم بول .
يۈرەكىمدە بىردانە بولالىساڭ دوستۇم بول .
غەيۋەت قىلىپ يۈرمىگىن قاراسۈركەپ يۈزۈمگە ،
ھەم مەردانە لەۋزىڭدە تۇرالىساڭ دوستۇم بول .
ياخشىلىقنى دىلىڭدا ئارزۇ قىلىپ ياشغىن ،
ياخشى ئارزۇ ئارماندا ئۆتەلىسەڭ دوستۇم بول .
قۇسۇر ئىزدەپ يۈرمىگىن دوستلىرىڭنىڭ ئىشدىن ،
دوستلار بىلەن جاپاغا كۆنەلىسەڭ دوستۇم بوپ .
ھايات گاھى رەھىمسىز دەرت ئەلەمدە قىينايدۇ ،
دەرتلىرىڭنى دوستلارغا تۆكەلىسەڭ دوستۇم بول .
كۆڭلۈڭدىكى سىرىڭنى دوستلىرىڭدىن سىر تۇتما ،
ھەممە ئىشتا دوستلارغا كۆيەلىسەڭ دوستۇم بول .
نا ئەھلىنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ قالما ئەگىشىپ ،
ھەقنى ھەقدەپ ناھەقنى سۆكەلىسەڭ دوستۇم بول .
نامەرت بولما ئەل ئۈچۈن ئاقسىا ئەگەر تەرلىرىڭ ،
دەرياسىغا ۋىژداننىڭ چۆكەلسەڭ دوستۇم بول .
باقىۋەندە ئەمەستۇر سەن بىزلەرگە بۇ دۇنيا ،
ھايات دېگەن تۆت كۈنلۈك بىلەلىسەڭ دوستۇم بول .
ئۆتەر ئۆمرۈڭ مەنىلىك قەدىرلىسەڭ ھاياتنى ،
ۋەتەن ئۈچۈن جېنىڭنى بېرەلىسەڭ دوستۇم بول .
ئاپتۇر ئەجرىگە ھۆرمەت قىلىڭ
ئۈندىدار 2318334127
2016...11...4
| 104 قېتىم كۆرۈلدى | dlkax | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-4 23:52:53 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|