خىسلەتلىك ماكان
ئەكبەر ئەركىن
بۇ دىياردىن چىققان نۇرغۇن ئىجات چولپانى،
ئا.ئۆتكۈر، ل.مۇتەللىپ شېئىر سۇلتانى.
سۈيى ئەلۋەك تۇپىرىقى مۇنبەت گۈزەل دىيارىم،
ئىسمى شىنجاڭ نامى ئۆچمەس تارىخ داستانى.
مىراس قالغان ناخشا،چاقچاق ئۇسۇل جانبازلىق،
كۆمۈر، نېفت ھەم تەبئىي گاز ئۈزۈلمەس بايلىق.
كۆپ مىللەتلىك ماكان مەدەنىيەتلەر توپلانغان،
ئىسمى شىنجاڭ ،ئاسىيادىكى ئۆچمەس مەرۋايىت.
بۇ جاي بۈيۈك شەرىق-غەرىپنى چاتقۇچى كۆرۈك،
تەڭرى تېغى كۆز يەتكۈسز ئاسمانغا تۈرۈك.
تومۇز ئىسسىق،زىمىستان قىش تۆت پەسىل ئايرىم،
ئىسمى شىنجاڭ ئەۋىج ئالغان ئىناقلىق ئۆملۈك.
بۇ دىياردا گىلەم،ئەتلەس دۇر تاۋار شاھى،
ھەممىگە داڭلىق سۈپەتلىك قاشتېشى ماكانى.
بۇ زىمىنغا بەخىشەندە پاكلىق ھەم خىسلەت،
ئىسمى شىنجاڭ باي زىمىن كارۋان ماكانىى
يۈسۈپ بوۋام بۇ ماكانغا چاشقان قۇت بىلىگ،
سادىر بوۋامدىن ئۇدۇن قالغان بىزگە قەيسەرلىك.
ئۇزۇن تارىخ، ئۆرۈپ- ئادەت قىلغاي داۋام،
رەڭدار شىنجاڭ ئانا يۇرتۇم بەكمۇ خىسلەتلىك.
ئۈمۈدۈم شۇ يوقالسۇن مەزھەپ يۇرتۋازلىق،
بىر-بىرگە ئورا كولاش ھەسەت باز- بازللىق .
گۈلشەنى تۇس ئالسۇن ئۆملۇك رەيھانى،
ئىناق شىنجاڭ ئانا ماكانىم ھەممىدىن ئىللىق.
26 قېتىم كۆرۈلدى | ئەكبەر ئەركىن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-7-11 21:09:39 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|