ئەركەكلەرمۇ يىغلايدۇ ئۈنسىز
مەمتىمىنجان «ئوغلان»
قەدىردانى يېنىدىن كەتسە،
قېرىنداشى ئۇنىڭدىن كەچسە.
مىسكىن جاندىن غېرىپلىق ئۆتسە،
ئەركەكلەرمۇ يىغلايدۇ ئۈنسىز.
ئىشەنگىنى رەڭۋازچى بولسا،
سۆيگەن يارى ئالدامچى بولسا.
ئىشىق ئۇتى يۈرەكنى تىلسا،
ئەركەكلەرمۇ يىغلايدۇ ئۈنسىز.
دوس بىلگىنى پەس بۇلۇپ چىقسا،
تۈيدۇرماستىن نەشتەرلەر تىقسا.
تۈلكە كەبى ھىيلىگەر بولسا،
ئەركەكلەرمۇ يىغلايدۇ ئۈنسىز.
ئەركەك ئۈچۈن غۇرورى ئالتۇن،
ۋىجدانسىز نە ئەركەك ئاتالسۇن.
غۇرۇر ۋىجدان دەپسەندە بولسا،
ئەركەكلەرمۇ يىغلايدۇ ئۈنسىز.
ئەركەكلەرنى يىغلىماس دەمسەن،
ئازاريىمەس تاش يۈرەك دەمسەن .
كۆڭلى ئاغرىپ يۈرەك ئېچىشسا،
ئەركەكلەرمۇ يىغلايدۇ ئۈنسىز.
ئويلاپ قىلغىن ھەر بىر سۈزۈڭنى،
ئاياپ قويغىن ئەركەك كۆڭلىنى.
ھاقارەتتىن يىغقىن تىلىڭنى،
ئەركەكلەرمۇ يىغلايدۇ ئۈنسىز.
كۈزى ئەمەس قەلبى يىغلايدۇ،
يۈرەكىنى ھەسرەت تىلغايدۇ.
سىرتقا پەقەت زۇۋان چىقمايدۇ،
ئەركەكلەرمۇ يىغلايدۇ ئۈنسىز.
20017.3.26
خوتەن لوپ ھاڭگىيا بازىردا يېزىلدى.
43 قېتىم كۆرۈلدى | مەمىتىمىنجان | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-27 0:06:37 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|