ئىبرەت
(شېئىرىي چۆچەك)
(گۈزەلنۇر ئىدىرىس سەباھ)
ھۈسەيىن بايقارا داڭدار شاھ ئىدى،
نەۋائىي ھەزرەتنى ئۈلپەت بىلەتتى.
شۇنچىلىك جان- جىگەر دوست ئىدى ئۇلار ،
ھەرئىشنى تەڭ تىرەپ ،ئورتاق كۆرەتتى .
بىر كۈنى شىكارغا چىقتى ھۈسەيىن شاھ،
ئەلبەتتە نەۋائىيمۇ ئىدى خاس ھەمراھ .
سەپەردە نى مۈشكۈل يولۇقتى تالاي ،
تاغ-داۋان كەچتىلەر ،كەچتى كۆپ دەريا.
چوڭقۇر بىر دەرياغا كەلگەندە ئۇلار ،
شاھ بەردى ئەلشىىرگە بەھەيۋەت تۇلپار.
بۇ ئىدى شاھنىڭ ئەڭ ئەزىز بايقۇشى ،
سۇدىمۇ ،يەردىمۇ قۇيۇندەك چاپار .
دەريادىن سالامەت ئۆتكەن شۇ چاغدا،
مەغرۇرلۇق ئىلكىدە سۆزىن ئالدى شاھ،
《تۇلپارنىڭ نەسلىنى بىلەمسىز ئەلشىر ؟》
نەۋائىي جاۋابەن ئېيتتى: 《بىر كالا》.
شاھنىڭ كۆزلىرىدىن ياندى مىڭ غەزەپ ،
نەۋائىي گۆدەكتەك سۆز قىلدى ئەجەپ ؟
تۇلپار كىم ،كالا كىم ،ئايرىماي يۈرسە ،
لايىقمۇ ئۇنىڭغا ئىنئام ۋە شەرەپ ؟
شاھنىڭ ئويىنى نەۋائىي سېزىپ ،
سۆزلىدى 《دەريادىن چىققاندا چاپچىپ ،
ئات كەردى پۇتىنى ،سىلكىدى سۇنى ،
مېڭىشتا ھەتتاكى قالدى كۆپ داجىپ.
بۇ خۇينى پەقەتلا بەرگەن كالىغا ،
شۇ سەۋەپ تۇلپارنىڭ نەسلىدۇر كالا. 》
شۇ زامانلا چاقىرىپ مىراخورنى ،
تۇلپار نەسلىنى ئايرىدى بايقارا .
《تۇلپار ئۇ كالىنى ئېمىپ چوڭ بولغان،
چۈنكى ئۇ تۇغۇلۇپ ئانىسىز قالغان.
رەھمىم كەلگەچكە ئۇنىڭغا مېنىڭ ،
تۇلپارنى كالىغا ئېمىتمەك بولغان.》
ئېيتىپلا شۇ سۆزنى يۈكىنىپ چاكار ،
بىر قۇشۇق قېنىنى تىلەپتۇ زار-زار .
ھەقىقەت ئەينەكتەكتەك بولۇپتۇ ئايان،
ھاجىپنىڭ ئىلمىدە شەك يوقتۇر زىنھار……
قايىللىق ئىلكىدە كۈلۈپتۇ ئول شاھ،
ئېيتىپتۇ 《نەسىلدىن قالىدۇ تامغا》،
ھېكايە بولۇپتۇ ،تارقىلىپ كېيىن ،
بىر ھېكمەت سۈپتىدە قاپتۇ ئەۋلادقا .
نەسلىنى دورايدۇ بولسۇن مەيلى كىم ،
ئۆزىدىن بەكراقى نەسلىدۇر مۇھىم !
ئۇدۇم بوپ قالغۇسى مىجەزى خۇيى،
بۇ بىر ئۆزگەرمەس قانۇندۇر مۇقىم .
********************************
ئۆيلەنسەڭ ئانىنى سۈرۈشتۈر سورا،
قىزىغا ھەر ئىشتا ئۈلگىدۇر ئانا .
نەسلى ھەم نەسەبى پاكىز ئاقنى ئال،
بولمىسۇن دېسەڭ گەر يۈزلىرىڭ قارا.
2016-يىل فېۋرال (باي)
| 95 قېتىم كۆرۈلدى | guzal0706 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-2-5 15:22:53 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|