دادا : مەمەتجان سەمەت

         دادا
مەمەتجان سەمەت

بالىلىق مەن بۇرچۇمنى ئادا،
قىلالمىغاچ  ئالدىڭدا  دادا.
ئاق سانجىلدى چېچىڭغا مانا،
راھىتىمنى كۆرمەيسەن دادا.

تەتۇر بولغاچ پىشانەم مېنىڭ،
خۇشاللىقىڭ يوق بولۇپ سېنىڭ.
دەريا كەبى ئاقتى كۆز يېشىڭ،
راھىتىمنى  كۆرمەيسەن  دادا.

جاپا يىمدا بىلىڭ  مۈكچەيدى،
كۈندىن كۈنگە بېسىم كۈچەيدى.
يۈزلىرىڭدە  قورۇق  كۈپەيدى،
راھىتمنى   كۆرمەيسەن  دادا.

ئۆتۈپ كۈنىڭ دەردىمدە تەستە،
يۈرەك باغرىڭ بولۇپ قان لەختە.
كىرىپ قاپسەن يەتمىش يەتتىگە،
راھىتىمنى   كۆرمەيسەن   دادا.

مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار :2041420589

     





100 قېتىم كۆرۈلدى mamatjan520 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-18 11:18:33  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ