كۆنەلمىدىم سەنسىز ئۆتۈشكە

كۆنەلمىدىم سەنسىز ئۆتۈشكە

 

( ياسىنجان سەلەيئاخۇن )

 

 ھەر كۈن سەھەر يولۇڭغا قاراپ ،

كەچ ياتىمەن تىلفۇنۇڭ ساقلاپ ،

 ئۇزۇن تۈنلەر سىنىلا ئويلاپ ،

 كۆنەلمىدىم سەنسىز تۇنلەرگە .

 

 ئىيتالماستىن دەردۇ ھالىمنى ،

 تاپالماستىن يا ۋىسالىڭنى ،

 ئاڭلىيالماي بىر ئاۋازىڭنى ،

 كۆنەلمىدىم سەنسىز كۈنلەرگە .

 

 باققا بارسام قەلبىم پىغانە ،

سەن يوق يالغۇز يۈردۈم يىگانە ،

 بويۇن قىسىپ بولۇپ بىچارە ،

 كۆنەلمىدىم سەنسىز كۈنلەرگە .

 

 بىز چۈشكەن شۇ سۇرەتكە قاراپ ،

 ياش ئەگىدى كۆزدىن تاراملاپ ،

 ئۆز ئۆزۈمنى قەستەن ئازاپلاپ ،

كۆنەلمىدىم سەنسىز كۈنلەرگە .

 

 سىغىنىمەن ھەر دەم يار سىنى ،

 سىغىنامسەن سەنمۇ ھەم مىنى ،

 چۇشلىرىمدىن ئىزدەپ يار سىنى ،

 كۆنەلمىدىم سەنسىز كۈنلەرگە .

 

گۈل ئىشقىدا سايرىسا بۇلبۇل ،

 سەن كىلەرسەن يادىمغا ئۇدۇل ،

 قىلالمىدىم بۇ دەرتنى قوبۇل ،

 كۆنەلمىدىم سەنسىز كۈنلەرگە .

 

چۈشلىرىمدە قىلىسەن بايان ،

 تاشلاپ مىنى كەتكىنىڭ ئايان ،

 ئۇنتۇش ساڭا بولسىمۇ ئاسان ،

كۆنەلمىدىم سەنسىز كۈنلەرگە .

 

 جاۋاپ بەرگىن ئەي كۆزى خۇما ،

 سىنى سۆيسەم بوپتىمۇ گۇنا ،

 ماڭا ئۇۋال قىلمىغىن بۇندا ،

 كۆنەلمىدىم سەنسىز كۈنلەرگە .

 

 ئىغىر كۈندە بىللە يۈرگەنتۇق ،

 مۈشكۈللەرنى بىللە يەڭگەنتۇق ،

 پاك سۆيگۈمىز مەڭگۈ دىگەنتۇق ،

 كۆنەلمىدىم سەنسىز ئۆتۈشكە .

 

كۆندىڭمۇ يا مەنسىز ئۆتۇشكە ،

مەن كۆنمىدىم سەنسىز يۈرۇشكە ،

تاقىتىم يوق غەمسىز كۈتۈشكە ،

 كۆنەلمىدىم سەنسىز ئۆتۈشكە .

 

 پاك سۆيگۈمگە قىلىپ ھەم ئۇۋال ،

 مىنى ئۇنتۇپ كەتتىڭ ئىھتىمال ،

 ئۇنۇتساڭمۇ شۇنى بىلىۋال ،

 كۆنەلمىدىم سەنسىز ئۆتۇشكە .

 

 ياسىنجان سەلەيئاخۇن

كۈنەس ناھىيە ئۈچ بۇلاق كەنتىدىن ……





956 قېتىم كۆرۈلدى 18699977794 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-13 13:44:46  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-18 14:42:30 ئىپارگۈل
ياخشى ئەسەركەن
2015-8-17 0:28:38 ئايگۈل
بەك ياخشىكەن بۇ تىمىلار سىلەرگە ئاپرىن تىنىڭلار سالامەت كۈنلىرىڭلار خوشال خورام ئۆتسۇن ئىشلىرىڭلاغا ئۇتۇق تىلەيمەن
2015-8-16 17:34:55 رابىيە
بەك ياخشى يىېزىلىپتۇ ئاللا زېھنىڭنى ئۇچۇق قىلسۇن،،،،،،،،،ئېنشائاللا
2015-8-16 9:35:33 رابىيە
بەك ياختۇردۇم بەك ياخشى يىېزىلىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ