قەلبىم لەرزى ئاتا

         قەلبىم   لەرزى ئاتا 



      مۇقەددەس تۇيغۇلارغا ھامىلدار قەلىپ ،قەلەمنى يۈگۈرۈك قىلىپ،تىزىپ چىقاركەن مىسرالارنى،لېرىكىنى،ھاياتلىق ھەققىدىكى تىرەن ئويلىرىنى،گۈزەللىكنى،پاكلىقنى…
        قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىرىدا ھەر كۈنى تەكرار -تەكرار داۋالغۇپ،ئاددىلىقى ئەمما چوڭقۇر مەنالىرى بىلەن قايىللىقىمنى ئاشۇرۇپ،ھاياتقا بولغان قىزغىن ئىشتىياق بىلەن ياشىغان دادامنىڭ سېيماسى… ئاچچىق-ئاچچىق قىسمەتلەر يەلكىسىگە چۈشكەن،ئېغىر بېسىم ۋە يۈكنى قەيسەرلىك ۋە مەردانىلىق بىلەن كۆتۈرۈپ ،پاك ۋە ساپ ياشاپ ئۆتكەن  بىر ئىنسان  -دادامنىڭ  سىيماسى !!!            
       ئۇنىڭ  دەبدەبە ۋە تەنتەنىسىز ھاياتى   جىمجىتقىنە كېلىپ ،جىمجىتقىنە كەتتى،بىراق ئۇ قالدۇرغان ئىز،روھىيىتىمگە باسقان ئىزنالار مۇكەممەل بىر  گۈزەللىكنىڭ يارقىن سىيماسى سۈپىتىدە چاقنايدۇ …
     دادامنىڭ  قىياپىتى  كۆز ئالدىمدا دائىم:
مەش يېنىدا سالاپەت بىلەن كىتاپ ئوقۇپ  ئولتۇرغان،كىتاپنى گويا قىممەتلىك بىر گۆھەر قولىدا ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن تۇتۇپ،پۈتۈن زېھنى بىلەن كۆرۈۋاتقان بىر ھالەتتە گەۋدىلىنىدۇ. ئېسىمدە :بىردىنبىر ئىلېكتىر سايمىنى "رادىيو "لا بولغان ئاشۇ دەۋىرلەردە كىتاپ بىزنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشۇمىزنىڭ بىردىنبىر بىيىتقۇچىسى ئىدى،بىز قىرىنداشلار تەققازالىق بىلەن دادام يېزىلغان ھەر بىر سان ژورنالنى ياكى سېتىپ ئەكىلىدىغان كىتاپلىرىنى ساقلايتتۇق،دادام كىتاپ كۆتۈرۈپ كىرگەن شۇ دەقىق بىز بىر ئائىلىگە نىسبەتەن ئاجايىپ گۈزەل ئىدى،بىز قىزغىنلىق بىلەن،بەس-بەستە تالىشىپ ۋە قىزغىنىشىپ ئوقۇپ كىتەتتۇق،نە بىر مەجبۇرلاش ۋە بىسىم بولمىغان بۇ كىتاپقا بولغان ھېرىسمەنلىك دادامنىڭ ۋۇجۇدىدىن بىزگە شۇنداق قالغان ئىدى.    
      بالىلىق ئاجايىپ تەسەۋۋۇرلارغا تويۇنغان،چۆچەكلەر بىلەن روھلار بىرلىشىپ ،گاھى ئۇچار گىلەم ئۈستىدە كۆكلەردە پەرۋاز ئەيلىسە،گاھى سىھىرلىك ئەينەكتە ئالەمنى كەزگەن ،گاھى ئوۋچى بىلەن بىرگەبۆرىنىڭ قورسىقىنى يېرىپ قىزىل بۆكلۈك قىز ۋە  مومىسىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ غەلىبە شاتلىقىدا مەست بولىدىغان،ۋە ھىچبىر شەكسىز بۇ ۋەقەلەرگە چىن پۈتكەن؛دەل شۇ ساماۋىي چۆچەكلەر دادامنىڭ ئېغىزىدىن ۋەزمىن ۋە سېھىرلىك بىر ئاھاڭدا ئېيتىلاتتى،بىز گوياكى ۋەقەلىك بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەندەك،دادام بولسا ھەق بىلەن ناھەقنى،گۈزەللىك ۋە رەزىللىكنى تۇيدۇرماي ئېڭىمىزغا سېڭدۈرگەن ئىكەن..
        دادامنىڭ كىتاپ ئىشكاپى ئائىلىمىزدىكى ئەڭ قىممەتلىك بىر جابدۇق ئىدى،كىتاپلار چىرايلىق قىلىپ ئىشكاپقا تىزىلىپ قويۇلاتتى،ئاتامنىڭ كىتاپ ۋە كىتاپ ئىشكابىغا بولغان ئېخلاسى ۋە ھۆرمىتى بەكلا ئالاھىدە ئىدى،كىتاپلارنى ئاجايىپ ئاسرايتتى،كىتاپ ئوقۇپ كەلگەن ئورۇن قاتلانسا،كىتاپلار تاشلانسا،ئاسرالمىسا بەكلا بىئارام بولاتتى،شۇڭىمۇ كىتاپلارغا بىزمۇ ئالاھىدە مۇئامىلە قىلاتتۇق،خۇددى ئۇيغۇرۇمنىڭ نانغا قىلغان مۇئامىلىسىدەك…ئىلىمگە بولغان ئىشتىياق ئاتامنى كىتاپلار بىلەن ئەنە شۇ قەدەر  چەمبەرچەس باغلىغان ئىدى                
      دادامنىڭ  بىلىم سۆيەرلىكى ۋەجىدىن يىگانە كۈچى بىلەن يەتتە پەرزەنتى ئۈچۈن تۆككەن تەرى،چىدام-غەيرىتى ئۈچۈن ئىچىمدە بىر ئاۋاز "ئاپىرىن-ئاپىرىن"دەپ توۋلايدۇ،ئۇ يەلكىسىدىكى ئېغىر مەسئۈليەتنى قەيسەرلىك بىلەن كۆتۈردى،مەردانىلىق بىلەن ھەر بىر پەرزەنتىنىڭ ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا ئىلىم تەھسىل قىلالىشى،مەنىۋىيىتى يۈكسەك كىشىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن غەيرەت قىلدى…
           گۈزەللىكنى تەبىئەتتىن ھىس قىلىمەن،باھاردىكى ئىزغىرىن شامال ھىدىدىن،سەھەردىكى ئۇپۇقتىن،گۈللەر بەرگىدىكى شەبنەمدىن…ئۇلار ھاياتقا بولغان مۇھەببەت،ئۈمۈدلىرىمىزنى ھەسسىلەيدۇ،ئىنسانىيەتتىن  ئىزلىگەن گۈزەللىك ئىچىدە ھەقىقى يۈرەكلەرنى تىترىتىپ مەپتۇن قىلىدىغىنى مەنىۋىيەتتىكى گۈزەللىك،پاكلىق ۋە ساپلىق…مەن ئاتامنىڭ ۋۇجۇدىدىن ھەممىنى كۆردۈم،شۇڭىمۇبىز پەرزەنتلەرنىڭ تىرەن  تەپەككۈرلىرىمىزدە،خۇشھاللىقىمىزدا،بەختىمىزدە دادامنىڭ  دانالىقى ۋە پەزىلىتى،پاراسىتى ئاتىلارغا خاس سالاپىتى بار …يەنە بىز يەتتە بالىنى ئوقۇتۇپ،بىر ئېغىزمۇ ۋايسىماي،بارلىق ئېغىرچىلىقنى ئانام بىلەن بىللە يۈدۈپ ماڭغان مەردانىلىكى ،جەسۇرلىقى بار …
 
     ئاتام يادىمغا يەتسە،ئۇنىڭ ۋۇجۇدى گۈزەللىك بىلەن يۈغۇرلۇپ چاقناپ  گەۋدىلىنىدۇ،ئاتام مەن ئۈچۈن ھاياتلىقنىڭ ئەڭ چوڭ دەرسى،ئاتام ھەقىقى  گۈزەللىك بابىدىكى  قەلبىمنىڭ لەرزى!


                            رامىلە ھامۇت خەندانە
                   2017-يىل 6- ئىيۇن (غۇلجا)

مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار :2041420589

     





86 قېتىم كۆرۈلدى handana ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-18 20:06:53  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ