قايتا دېدىم دادا دىيىشنى
ئەسقەر قۇربان ئىقبال
تىلىم چىققان كۈنۈمدىن باشلاپ،
مەن ئۆگەندىم دادا دىيىشنى .
ۋىلىق -ۋىلىق تاتلىق كۈلۈشنى ،
يەنە دىسەم ئاز بوپ قالغاندەك ،
كەتكىنىدە دادام يېنىمدىن ،
قايتا دېدىم «دادا»دىيىشنى .
بولمىغاچقا يېنىمدا دادام ،
بىلەلمىدىم نىمە قىلىشنى ،
بىلەلمىدىم قانداق مېڭىشنى ،
ئۆگۈتەركەن ماڭا ئۇستازدەك ،
كەتكىنىدە دادام يېنىمدىن ،
قايتا دېدىم «دادا»دىيىشنى .
كەتكىنىدە كەلمەسكە مەڭگۈ،
مەن ئۈگەندىم يىغلاپ قېلىشنى ،
ھەسرەتلەرگە مۇڭغا پېتىشنى ،
ئۆتتى كۈنۈم سىردىشىم يوقتەك ،
كەتكىنىدە دادام يېنىمدىن ،
قايتا دېدىم «دادا»دىيىشنى .
خاتىرجەم بول مېنىڭدىن دادا،
مەن ئۈگەندىم ئادەم بولۇشنى ،
مۇشكىلاتنى قانداق يېڭىشنى ،
دانا ئىنسان يوقكەن دادامدەك ،
كەتكىنىدە دادام يېنىمدىن ،
قايتا دېدىم «دادا» دىيىشنى .
ئاقسۇ -كەلپىن
2017.2.8
| 117 قېتىم كۆرۈلدى | ikbal | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-28 16:24:44 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|