تەمبۇرۇم

تەمبۇرۇم

 

ھەر بارە يۈرەكنى چىكەر تەمبۇرۇم،

مۇڭىدىن قەسىدە پۈتەر تەمبۇرۇم.

 ئ‍ىيتىمەن سازلارنىڭ شاھى،تاجى دەپ،

ئ‍ەڭ گۈزەل كۈيلەرنى تۈكەر تەمبۇرۇم.

 

 نىچۈندۇر ئ‍ازاپلىق بىر ناۋا ئ‍ەيلەر،

 گاھ شىىرىن تۇيغۇمدا ئ‍ۆزەر تەمبۇرۇم.

 بەزىدە ھەركىمگە بولۇپ لىرىكا،

 شىرىن بىر لەززەتنى بىرەر تەمبۇرۇم.

 

 بەزىدە ھەسرەتۇ-قايغۇ بىغىدا،

ئ‍ازاپلىق بىر خىيال سۈرەر تەمبۇرۇم.

ھەر كىملەر ھەرخىيال بىلەن بەنىتتۇر،

چۈشەنسە ھەر دىلنى سۆيەر تەمبۇرۇم.

 

نىمىگە مۇنچىلا غىرىپ كۈيچىسەن؟

 يىغلايمەن بەزىدە بىلەر تەمبۇرۇم.

 خىيالىم بەرگىدە تۇرىدۇ يالغۇز،

 ئ‍اھ نىچۈن يىغىدەك كىلەر تەمبۇرۇم.

 

 ئ‍ۆزقىر





165 قېتىم كۆرۈلدى ئ‍ۆزقىر ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-14 10:48:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ