بوۋامغا يىزىلغان خەت

بوۋامغا يىزىلغان خەت

نەسىر

تۇرغۇنجان ئەسەت كارۋان

 

سىلەر بىزنى پارنىك باللىرى، پارنىكتە ئۆسكەن مايسا دەيسىلەر. ئۇنداقتا پارنىككە گۈل تېرىغان ئەيىپ گۈلدىمۇ، باغۋەندىمۇ؟

                     ____خاتىرەمدىن

 

     بوۋا، جىنىم بوۋا، مانا ئاخىرەتكە سەپەر قىلغىنىڭغا تەڭ يىشىمچىلىك بولغان مۇشۇ كۈنلەردە سېنىڭ قەدىرىڭ ئۆتۈلىۋاتىدۇ. سېنى ئەسلاۋاتىمەن. سېنى، ياق، سەندەك بوۋىلارنى ئەسلىگەن يالغۇز مەنلا ئەمەس. ھەممىمىز سېنى، ياق سىلەرنى سېغىنىۋاتىمىز.

     بوۋا، مومامدىن ئاڭلىسام سەن ياش ۋاقتىڭدا دائىم ئوۋغا چىقاتتىكەنسەن. ئوۋدا ئاجايىپ قورقىماس، باتۇر ئىكەنسەن. بىر قېتىم بىر قويچىغا بۆرە ئېتىلسا، سەن شۇ قويچىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بۆرىگە ئېتىلغان ئىكەنسەن. خېلى يىللار بۇرۇن، دادام بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدا مۇنداق بىر ئىش بولۇپ ئۆتتى. دوستۇم كىرىپتىكەن، توشقان ئوۋلايمىز دەپ، دادام پەقەت قوشۇلمىدى. سەن تېخى كىچىك، يىقىلىپ كېتىپ ئۆزۈڭنى يارلاندۇرۋالىسەن دەپچۇ؟! مەن چوڭ بولۇپ مۇشۇ يىشىمغا كەلگەندە يا يىغلىشىمنى يا كۈلۈشىمنى بىلمىدىم. ماڭا ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ قويۇپ كۆز يۇمساڭچۇ؟! ئاشۇ چۆچەكلىرىڭ، ئادەم ئاڭلاپ باقمىغان ئاجايىپ-غارايىپ ھېكايىللىرىڭ بەك تاتلىق ھېكايىلەر ئىدى. مانا ئەمدى شۇ ھېكايىلەرنى كىمدىن ئاڭلايمەن. ھەممىسى تىلۋۇزۇرغا بەنىت. داداممۇ، ئاناممۇ شۇنداق. مەن بولسام بىر كىتابنى تەكرار-تەكرار ئوقۇشقا مەجبۇر. سېنىڭ ھېكايىللىرىڭ تەكرارلانسىمۇ زېرىكمەيتىم. لېكىن مەن ئاشۇ كىتابلارنى تەكرار-تەكرار ئوقۇپ زېرىكۋاتىمەن. تېشى ئوخشاش ئەمەس، ئىچى ئوخشاش دۆۋە-دۆۋە كىتابلار. بەزىدە شۇ كىتابلار ئىچىدىن سەن ئېيتىپ بەرگەن شۇ ھېكايىلەرنى قايتا تېپىۋالىمەن. ھەم قايتا-قايتا ئوقۇپ زېرىكمەيمەن. لېكىن ئۇنداق ھېكايىلەرمۇ كۆپ ئەمەس، بوۋا.

     ھە راست بوۋا، خېلى يىللار بۇرۇن يۈز بەرگەن بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي ئاڭلاپ باق. بىر كۈنى دادام بىلەن دەريا بويىغا تاش تەرگىلى باردۇق. بىز گەرچە سەھەر يولغا چىققان بولساقمۇ، ئۇ يەرگە بارغۇچە پۈتۈن بەدەن چىلىق-چىلىق تەرلەپ كەتتى. دادام دەرياغا كىرىپ بىر قېتىم چۆمۈلىۋىلىشىمغا پەقەت قوشۇلمىدى. <ەگەشتۈرۈپ دەريا بويىغا پادا باققىلى بېرىپتىكەنسەن. دادامنى تازا چىڭقىچۈشتە دەرياغا ئىتتىرۋىتىپتىكەنسەن. تۇنجى قېتىم جىنى چىقاي دىگەن ئوغلۇڭنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە كەپسەن. كىيىنكى قېتىم دادام سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىنىپتۇ. بىر كۈنى بالىلار سۇغا چۆمۈلۈپ كېلىمىز دەپ يىغلىپتىكەن. پەقەت مەنلا بارمىدىم. نىمىشقا دەمسەن؟ چۈنكى مەن سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيمەندە بوۋا.

     بوۋا، مېنىڭ مەھرۇم قالغىنىم يالغۇز بۇلا ئەمەس. سەن ياش ۋاقتىڭدا پۈتۈن بىر ئائىلىنىڭ بۇغدىيىنى ئورۇپ، خامانغا ئەكىلىپ، ھەممىنى يالغۇز قىلىدىكەنسەن. مومامنى بىرەر قېتىم <<ماڭ ئېتىزغا>> دىمەپتىكەنسەن. پىژغىرىم ئىسسىقتىمۇ قايناقسۇ ئىچىپ ئىشىڭنى قىلىۋىرىدىكەنسەن. شۇڭا مەھەلە بويىچە ھەممە ئادەم سېنى ماختايدىكەنتۇق. ھازىرمۇ شۇنداق پاراڭلار بولۇپ قالىدۇ. سېنى مەنلا ئەمەس، مەھەلىدىكىلەرمۇ سېغىنىپتۇ. شۇنداق ھەممىمىز سىلەرنى سېغىندۇق. ئەمدى نۆۋەت دادامغا كەلگەندە نىمە بوپتۇ دىمەمسەن؟ زامانىۋىي ماشىنىلار پۈتۈن ئادەم كۈچىنىڭ ئورنىنى ئالدى. دادام ماشىنا ئارقىلىق پۈتۈن ئىشلىرىنى تۈگەتتى. ئەمدى پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر چىقىپمۇ، شۇ ئورۇلۇپ بولغان بۇغداينى خامانغا ھۇرۇنلۇق بىلەن ئەكەلدۇق. ياق ئەكەلدۈردۇق. پۇلغا ئادەم سېتىۋىلىپ ئەكەلدۈردۇق. ئەمدى نۆۋەت ماڭا كەلگەندە ئىسسىقتا بىشىم پىرقىرايدىغان، دېمىم سىقىلىدىغان بولۇپ قالدىم. نەۋرەمگە كەلگەندە نىمە كۈنلەر بولار؟ ئۆيدىن چىقماي ياتارمۇ ئەمدى. مەن مۇشۇ يىشىمغا كەلگۈچە  بىرەر قېتم كەتمەننى بېشىمدىن ئىگىز كۆتۈرۈپ چېپىپ باققان ئەمەسمەن. ھە راست، قايسى كۈنى ئانامنىڭ ئاكىسى شەھەردىن چىقىپتۇ. ئىشقا ياردەملىشىمىز دەپچۇ؟ ئەمەلىيەتتە ياردەممۇ قىلمىدى، سايىغا تولا قېچىپ، ئانام قىلغان ئىشنىمۇ قىلمىدى. ئەتىسىلا دوختۇرخانىغا كىرىپ ھەپتە يىتىپتۇ. مانا بوۋا، سەھرالىق ئانىلار قىلغان ئىشنى، شەھەرلىك ئاتىلار قىلالمايدۇ. بىراق، سەھرالىقلارمۇ سەندەك ئەمەس، ئايالىنى كەتمەن بىلەن ئېلىپ چىقىپ بىللە ئىشلەيدۇ.

     بوۋا، بىز ئاجايىپ بىر دەۋىردە ياشاۋاتىمىز. دىلدىكى دەرتلەر تىلغا چىقمايدىغان، چىرايدىكى كۈلكە يۈرەككە تەپمەيدىغان، قورساقلىرىمىز تويسىمۇ، كاللىمىزنى يىللاپ-يىللاپ ئاچ قويدىغان. ۋاي-ۋۇي بوۋا، ساڭا نۇرغۇن ئىشلارنى شىكايەت قىلماقچى ئىدىم. دەردىم بەك كۆپ ئىدى ساڭا تۆكىدىغان، بولدى بۇلارنى كىيىنگە قالدۇراي. ماڭا مەدەت بەرگىن، سەندەك بولاي. سۇ ئۈزۈشنى ئۈگنەي. بىراق كىمدىن ئۈگنىمەن بوۋا. بولدىلا ئۆزۈملا ئۈگنەي. ماڭا مەدەت بەرگىن.

                 

مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار : 2041420589


     





584 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇنجان ئەسەت كارۋان ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-22 18:32:19  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ