ۋىسال كۈيى - ​ مەممەتجان باش كارۋان

  ۋىسال كۈيى


 مەممەتجان باش كارۋان


مەجنۇن بولۇپ ئاتالسام ھەر تىلدا،
كۆرمەي ئەمما لەيلىنىڭ يىغىسىنى.
تۇتاي ئاڭا جېنىمدىن قانلىق شاراب،
خوش لەيلى-مەجنۇن ۋىسالىغا دەپ.

يەتكىنە مۇرادقا ئەي مېھىرلىك گۈلۈم،
قالمىغاي ئارمان سەن توزۇپ بىمەھەل.
چېچەكلەردىن پۇرايدۇ ئەنبەر كېپىنەك،
شۇ ۋىسالى كۇپايە يوقتۇر خاھ زاۋال.

نىگار سۆزۈڭ تىلىمغا ئورنىغان بال،
مېھرىڭ سۆيگۈمگە يانداش كەلگەن.
ئاشىقى مەجنۇن لەيلىنىڭ پىراقىدا،
لەيلىنىڭ ئىشقى جاپاسىنى يەڭگەن.
     





139 قېتىم كۆرۈلدى bashkarwan ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-25 20:15:51  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ