بىر تامچە ھايات
سەيپىدىن ئامۇت
كۈنلىرىم بىغەمنىڭ رەستىدىن يېراق،
بەرقىمدە تامامەن شامالدەك خىيال.
جىلمىيىپ ئايەتتە ھەر پىچىرلىنىپ،
قۇلىقىم تۈۋىدە قانايدۇ بىر تال.
ئاۋازىم راھىتى بىر كاسە كۆلدە،
تىلىمنىڭ يېشىدا چۆمۈلگەن سېزىم.
ياشلىقنىڭ كۆكسىدە ئويغانغان بىھۇش،
كىچىكلىك رەڭگىدە گۈدەكلىكىم جىم.
قاناتلىق يېغلاشلار سەتھىمدە لەرزان،
ھامانى بىر-بىرلەپ تاشلىشىدۇ پەي.
مەن قاتتىق شاتلىقتىن قاتتىق ئازاپتىن ،
چۇلمۇ-چۇل ئوشتۇلۇپ تاپىمەن تەلەي.
مەھبۇسسز مەھبۇسلۇق قالدىم يوللارغا،
ئۇزاقتىن-ئۇزاققا ئازات بى ئازات.
ئۆلۈمنىڭ ئاخىرى قىلىدۇ جىلۋە،
ماتەمكەش بىمەزگىل بىر تامچە ھايات.
2016.2ئۆكتەبىر
35 قېتىم كۆرۈلدى | سەيپىدىن ئامۇت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-10 1:00:51 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|