روبائىيلار - مەردان شاھ خۇشخۇي

روبائىيلار
           
 مەردان  شاھ خۇشخۇي

 چوڭ تۇتما ئ‍ۆزۈڭنى بولما تەكەببۇر،
دەرەخ ئ‍ىدى كۆتەكمۇ ، قىلغىن تەپەككۇر.
ياشىرىپ تۇرسىمۇ گەرچە بىر مەھەل،
ئ‍اخىرى ئ‍ۇچاقتا كۈيۈپ كۈل بۇلۇر.

قاقشىما قىزلاردىن ھايا كەتتى دەپ،
نە ئ‍امال ئ‍ەركەكنىڭ غۇرۇرى كەتسە،
ئ‍ەر بولسا ۋاپاسىز، بىغەم زەيپانە،
ئ‍اقىۋەت مىللەتنىڭ ھالى ۋەيرانە.

كىملەرنىڭ ئىشقىدا بولدۇق كۈيۈپ كۈل ،
كىملەرگە ھەم سۇندۇق قىزىل ئ‍ەتىرگۈل.
دوسلۇرۇم  مېنىڭدىن بولماڭ ھەيرانە،
گاھى زار گاھى خار ساراڭكەن كۆڭۈل.





40 قېتىم كۆرۈلدى huxhuy ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-22 1:46:53  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ