دوستۇم (شېئىر) - ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن

 دوستۇم
ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن


شىر بولساڭ ئىت كەينىدىن يۈرمىگىن دوستۇم،
گۈل بولساڭ نامەرد بېغىدا ئۈنمىگىن دوستۇم.
ئۇچقسا ياياقلار ئۈستىدىن كۈلمىگىن دوستۇم،
سەۋەپسىز كىرپىكلەرمۇ ھەم تەۋرىمەس زىنھار.
ئەجىرسىز ئىقبالدىن ھۇزۇر كۈتمىگىن دوستۇم.

شەبنەم بولساڭ چاك كەتكەن لەۋلەرنى سۆيگىن،
ئاشىق بولساڭ تىلىڭدا ئەمەس دىلىڭدا كۆيگىن.
پەيتى كەلگەندە ئۆلۈمنىڭ ھەق يولىدا ئۆلگىن،
ئەر ئەمەس ئەركەك بۇلۇپ ئاتاڭدەك يۈرگىن.
غاپىللىقتىن شەيتان نەپسىڭگە  بولماي ئىنتىزار،
ئەقىدە,قەسەمگە ئىشقىڭدىن كۆيۈنگىن دوستۇم.

قىلالماي ئۆزۈڭ بىراۋغا ھەم زىنھار قىلما نەسھەت،
خۇلقىڭ بولمسا ئۇز ياپالماس سۆزۈڭدىكى پاساھەت.
كىرلەشسە قەلبىڭ چىرمىماسمۇ قەلبىڭنى قاباھەت،
ئۇيقىغا بەزلەيدۇ سىنى قولۇڭدىكى ئارتۇق قانائەت.
كەلمىسە بۈگۈن تەلەي بۇپتۇلا,بولما ئارتۇق زار،
ئۈمۈد شامننى ئاسرا جۇدۇندا ئۆچۈرمىگىن دوستۇم.

ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن
2017-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى
     





65 قېتىم كۆرۈلدى abdu4745 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-1 8:19:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ