سۆيگۈ شارابى

سۆيگۈ شارابى

 

يۈرەكىمنى ئەسىر قىلدى بىر ساھىبجامال،

مەھكەم باغلىنىپ قالدىم ئاڭا ئېھتىمال،

ئەس ـ ھوشۇم، بار خىيالىم ئۇندىدۇر،

 بۇ كىسەلگە كىمدە باركىن ياخشى ئامال.

 

 قارا ساچىڭ گۇياكى بىر مەجنۇنتال،

غۇنچە بۇيۇڭ كۆزلەرىمنى قىلدى لال،

 كۆردىم قاچان شۇندىن بىرى ھالىم خاراپ،

 ئەي گۈزەلىم تىزدىن كىلىپ جاننى ئال.

 

 بىر كۈرەيكىن ئاشكار ئەيلەگىن جامال،

 دەرت ـ ئەلەملەر يۈرەكلەرنى قىلدى قامال،

 سۆيگۈ شارابىڭدىن سۇنغىل بىر قەتىر،

 مۇھەببىتىم شۇ سەۋەپكى تاپقاي كامال.

 

 قەلەم





148 قېتىم كۆرۈلدى قەلەم ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-27 9:11:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ