پۇل تېپىپ

پۇل تېپىپ

 

ناخشا تېكىستى

 

مۇھەممەد ئەركىن چىن يار

 

 مېھىر ۋاپا مۇھەببەتنى ئ‍ۇنۇتتۇم مەن پۇل تېپىپ ،

ساخاۋەتنىڭ گۈللىرنى قۇرۇتتۇم مەن پۇل تېپىپ .

 ئ‍ەسلىدە بىر پاك دىيانەت ئ‍ىنسان ئ‍ىدىم ،

گۇناھلەرنىڭ يوللىرنى يورۇتتۇم مەن پۇل تېپىپ .

 

ئ‍اتا-ئ‍انام ئ‍ۆي ۋاقىمنى ھەم تاشلىدىم ،

چەتكە تارتىپ ئ‍ۈلپەتلەرنى رېستۇرانغا باشلىدىم .

 بىر ئ‍ۆمۈرلۈك مېھرىبانىم كۆزلىرنى ياشلىدىم ،

 شۇ ئ‍ائىلەم ئ‍ىناقلىقنى توزۇتتۇم مەن پۇل تېپىپ .

 

 ئ‍ىلىك ئ‍الماي قۇلۇم قوشنا قىلغان سالامنى ،

 كۆز ئ‍الايتىم پەندى نەسىھەت قىلغان ئ‍اۋامنى .

 ئ‍ۇرۇپ تىللاپ گاھ بەزىدە سەبىي بالامنى ،

 ئ‍ادالەتنىڭ يولدىن ئ‍اداشتىم مەن پۇل تېپىپ .

 

 پىراقىدا دۇنيانىڭ كۆيدۈم چوغدەك كۈل بولۇپ ،

 خام كېكىرىپ تاۋكادا شاراپلارغا قول سۇنۇپ .

 چىدىيالماي زۇلۇمۇمغا بىچارە ئ‍ايالىم تولغۇنار ،

 ئ‍ەسلى ۋەسلىم ۋىجدانىمنى يوقاتتىم مەن پۇل تېپىپ .

 

 





138 قېتىم كۆرۈلدى qinyar ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-10 2:35:52  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-12-16 21:00:45 يىگچى
ناھايتى ياخشى يېزىپسىز مەنمۇ ئ‍ەدەبىيات ھەۋەسكارى ، ئ‍ىمكانىيەت يار بەرسە ئۈندىدار دا پاراڭلشايلى 1666273165
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ