قەدىمىڭنى ئويلاپ باس (شېئىر)
ئايگۈزەل مەمەتنىياز
يالقۇنجايدۇ يۈرەكتە تېگى يوق ، چەكسىز ئىشتىياق،
ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يۈرەك نېمە دەيدۇ ، سوراپ باق.
ئىككىلەنسە ئەگەردە بەكراق چوڭقۇر ئويلاپ باق.
كېيىن قالما پۇشايما قەدىمىڭنى ئويلاپ باس!
ھايات يولى بەك ئۇزۇن دەپ ئويلايسەن كۆڭلۈڭدە،
بىر قەدەمگە نېمە بولۇپتۇ؟يانسام بولىدۇ ،كەينىمگە.
گەر يانساڭمۇ كەينىگە ئىز قالىدۇشۇ يولدا.
داغ قالمىسۇن ھاياتتا،قەدىمىڭنى ئويلاپ باس.
خاتا باسقان بىر قەدەم،ئېلىپ كېتەر ھەممىنى،
بەزى كۈلكە خۇشاللىق ئۆمرىدىكى بەختنى.
كىملەرگىمۇ تۆكىسەن دەرد-ئەلەمنى، قايغۇنى،
قالماس ئۈچۈن ئەلەمدە، قەدىمىڭنى ئويلاپ باس.
2016-يىلى3-ئاينىڭ.12- كۈنى.(武汉)
38 قېتىم كۆرۈلدى | ئايگۈزەل مەمەتنىياز | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-13 10:40:53 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|