ئوغلۇم دېسەڭ
ياسىنجان مۇھەممەت
قان يۇتارمەن ۋەتىنىم دەرتلەر يېسەڭ،
شاتلىنارمەن قۇت تىپىپ شاھى تون كېيسەڭ .
بەخىت ماڭا سەن ئۈچۈن كۈلپەت چىكىش،
جان ۋەتىنىم سەن مېنى ئوغلۇم دېسەڭ .
قوينۇڭدا ئۆستى كۆپ نى -نى ئىسىل ياش،
بەختىڭنى قوغداشتا بولۇپ پىكىرداش.
مىنىڭ شۇ ياشلارغا بولغۇم بار سىرداش ،
شادلىناتتىم جان ۋەتەن ئوغلۇم دىسەڭ.
سەن ئۆزۈڭ بىزلەرگە مىھرىبان ئانا،
مىھرىڭدىن شاد كۈلۈپ ياشايمىز مانا ،
ئىھ ۋەتەن گۈللىنىپ قۇتلانغىن يەنە ،
بەختىمدۇر سەن مىنى گەر ئوغلۇم دېسەڭ .
ئەجدادلار جاننى تىكىپ جەڭلەر قىلىپ ،
ياراتتى بۈگۈنىڭنى قانلار كىچىپ .
مەنمۇ رازى قالسام سەنچۈن دەرت چىكىپ ،
ئانا ۋەتەن سەن مېنى ئوغلۇم دېسەڭ .
ئەجدادلار باغرىڭغا قېنىنى تۆككەن ،
ساڭا قۇت كۈلپەتتە بولغان جانۇ-تەن.
سەن بىزگە باشپاناھ يۆلەك ئاھ ۋەتەن ،
شۇڭا مەن شاد خورام گەر ئوغلۇم دېسەڭ .
دەپ بىلەي جان ۋەتەن سىنى شان شەرەپ ،
بۇنىڭغا سۆيگۈڭدىن يوق باشقا سەۋەپ ،
ئۆتەيمەن ساپ دىلدا سىنى مەدىھلەپ،
بەخىتتىن شات كۈلەي گەر ئوغلۇم دېسەڭ .
قوينۇڭ بىر گۈلىستان گۈزەل دىيارىم ،
بار مەغرۇر تەڭرىتاغ دولقۇنلۇق تارىم .
سەن مىنىڭ تاجۇ-تەختىم غەمگۇزارىم،
شان شەرەپ بىلىمەن گەر ئوغلۇم دېسەڭ .
سەن بىلەن گۈللىنىپ ياشايمىز ئەبەت ،
سەن بىلەن پاك يۈرەك ياشنار تائابەت .
بەردىڭ سەن بىزلەرگە چەكسىز مۇھەببەت ،
باش قوياي ئايغىڭغا گەر ئوغلۇم دېسەڭ .
چىن بەخىت سەن بىلەن ئاتار بىزگە تاڭ،
تىكلەندى قەلبىمدە ۋەتەن دېگەن ئاڭ.
قوينى كەڭ دىيارىم ئەي گۈزەل شىنجاڭ ،
تاشلىناي باغرىڭغا گەر ئوغلۇم دېسەڭ .
| 52 قېتىم كۆرۈلدى | ياسىنجان مۇھەممەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-15 3:07:41 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|