تولا

         «تولا »
جامالىدىن يۈسۈپ يانار

ياشايسەن ھاياتتا جەبىرلەر تولا
يىغلايسەن قاقشايسەن سەبىرلەر تولا
كېچىدە ھەر كۆرگەن شېرىن چۈشۈڭگە
بىزنىڭدە ھېكمەتلىك تەبىرلەر تولا

كوچىدا ئۆسەك سۆز غەيۋەتلەر تولا
ياخشىلار كەينىدە تۆھمەتلەر تولا
مىللەتنىڭ ئانىسى بولمىش قىزلارغا
قىلىقسىز بەتنىيەت شەھۋەتلەر تولا

پۇل بىلەن يۈز ئابروي تاپقانلار تولا
ئىشرەتتە گۇناھقا پاتقانلار تولا
كۆڭۈللەر خۇش ئىتىپ شەرمەندىلەرچە
ئار-نومۇس ئىپپەتنى ساتقانلار تولا

يىتىمغا مېھىرلەر بەرگەنلەر تولا
ساخاۋەت قولىنى كەرگەنلەر تولا
كەلگۈسى ئەۋلادنىڭ مىسكىن دىلىغا  
مۇھەببەت ئۇرۇقى تەرگەنلەر تولا

ئاۋامدىن بەس يىراق قاچقانلار تولا
ئەجرىدىن نۇر-زىيا چاچقانلار تولا
ئىش ياقماس بىكارچى سۆرۈن تەلەتلەر
سايىدا مۈگىدەپ ياتقانلار تولا

بىلىمىنى يار بىلىپ سۆيگەنلەر تولا
ئەل ۋەتەن ئىشقىدا كۆيگەنلەر تولا
قاراڭغۇ دىللارغا ياندۇرۇپ چىراغ
ئەڭ بۈيۈك ئارماندا ئۆلگەنلەر تولا

2017-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇرپان شەھىرى
     

مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

ئۈندىدار  : 2042420589

 

ئەسكەرتىش : ئەسەرلەرنى تورىمىز ۋە ئاپتۇرنىڭ ماقۇلىقىنى ئالماي ھەر قانداق مەدبۇئات ئورۇنلىرى ، توربەت ، سالۇنلارنىڭ خالىغانچە تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ . ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا بارلىق ئاقىۋەتكە تارقاتقۇچى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ !!






77 قېتىم كۆرۈلدى جامالىدىن يۈسۈپ يانار ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-20 10:41:25  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ