ئۆزىنى تېپىۋېلىش (شېئىر) - يۈسۈپجان ئىسمايىل

 ئۆزىنى تېپىۋېلىش
(بىر مۇساپىر تىلىدىن )
يۈسۈپجان ئىسمايىل قاراتېكىن

غېرىپ تىلىم قالغاچ ۋەتەندە
ئارىيەتكە ئېپ ياتلار تىلىنى
ئۆزۈمنى ئىزدەپ يۈردۈم چەتئەلدە.
ئانا تىلدا بۇلبۇلتۇم،يات تىلىدا شاتۇتى،
تۈز يولدىمۇ پۇتلىشىپ ماڭدىم ھەربىر قەدەمدە.

ياتلار گويا بىر ئەينەك
تاپتىم ئۇندىن سايەمنى.
بەستلىك توغراققا يۆلىنىپ تۇرغان،
يالاڭ ئاياغ قۇملارغا كۆمۈلۈپ تۇرغان،
تارىمنىڭ سۈيىگە چۆمۈلۈپ تۇرغان،
بادام دوپپا كىيىۋالغان چال.

كەلسەم ئېلىمگە
«خوش كەپسەن» -دېدى،توغراق ياپرىقى،
ئانا تىلدا سۆزلەپ ۋەتەندە.
لەۋ يېقىشتىم ياپراقلار بىلەن،
قۇچاقلاشتىم توغراقلار بىلەن،
پومداقلاشتىم تۇپراقلار بىلەن،
يۇلغۇن كۈلدى شەپەق رەڭگىدە،
ئوينار قەلبىم قۇياش بەرگىدە.
     





194 قېتىم كۆرۈلدى يۈسۈپجان ئىسمايىل قاراتېكىن ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-19 3:55:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ