ئۈمىدىم ئۆزۈڭ (شېئىر)
ئانارگۈل
نويابىر باغلىغان رىشتىمىزنى ھەم،
ئاي خىيال سۈرگەنتى شۇكىچەتاتلىق.
ئاپپاق قارئىيتاتتى ئەللەي ناخشىسى،
ئىشقىمىز كەپتىرى بولغان قاناتلىق.
خىيالى تۇيغۇمغا مۆكۈنمە مەڭگۈ ،
قاچالماس كۆزۈمدىن نۇرلۇق يۈزلىرىڭ.
بەختىمىز تۇتۇلماس ھىجران تورىغا،
گۇۋاھتۇر مۇڭلىنىپ ئىيتقان سۆزلىرىڭ.
مىھىردە ئاخىرقى تىلىكىم ئۆزۈڭ،
كىچىكىپ ئۇچراتتىم بەردەم قەددىڭنى.
كۆزيۇمسام قەلبىڭدە بولسۇن ئىزلىرىم،
روھىمغا نەقىشلەپ بولدۇڭ ئىسمىڭنى.
| 265 قېتىم كۆرۈلدى | ئانارگۈل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-11 0:36:23 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|