بولسىمۇ 
 ( غەزەل )
تۇرسۇن ئىمىن شەيدائى 
ئىچمىگىن ناكەس سۈيىنى گەرچە كەۋسەر بولسىمۇ ،
سۆيمىگىن كۆرگەن گۈزەلنى كۆكتە ئەختەر بولسىمۇ .
دىل بېرەلمەس غەيرى "مەشۇق " غەمگۈزار جۆرەڭ كەبى ،
سۆزلىرى شېرىن سۈخەن ،بۇيى مۇئەتتەر بولسىمۇ .
جىلۋىگەرلەر باغرىدا قۇترايدۇ شەيتان قىل ھەزەر ،
نەپ ئېلىشتۇر مۇددىئاسى (يۈز تۆكۈپ يەر بولسىمۇ ) . 
قاش ئويناتسا نازلىنى ئۇ ،بولمىغىن غاپىل -نادان ،
"پىدايىڭمەن ،كۆيگىنىمنى بىلمىدىڭ دەر بولسىمۇ "  .
كور ۋىجدانى ،ئار -نۇمۇسسىز ( قىلغان ئەجرىڭدىن تانار ) ،
ھىممىتىڭگە يەتكىچە نائىل -مۇيەسسەر بولسىمۇ .
ئۆز گۈلۈڭنى قىبلەگاھ ئەت چىن ساداقەت بابىدا ،
ئۆزگە "گۈل"نىڭ تىكىنى كۆپ ،مۈشكى ئەنبەر بولسىمۇ .
خانەڭنىڭ بو سۇغىسى پانىيدىكى جەننەت ساڭا ،
ھېچ ئەسقاتماس ئۆزگە قەسىر توپىسى زەر بولسىمۇ .
ئاپتور:  شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ،
بورتالا شەھەرلىك رادىئو -تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن 
| 5211 قېتىم كۆرۈلدى | xeydayi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-10 0:15:34 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |