ئۆز ئاناڭ - گۈلزىرە

ئۆز ئاناڭ 

 گۈلزىرە


يوقلىقڭنى بار قىلىپ تاپالايدۇ ئۆز ئاناڭ ،
جاپالىرىڭ جەبىرنى تاتالايدۇ ئۆز ئاناڭ ،
بولۇپ قالساڭ گۇناھكار ئەيىپلىرىڭ بەك تولا ،
شۇ ئەيىپنى پەم بىلەن ياپالايدۇ ئۆز ئاناڭ .

ئۆچۆپ قىلىپ چىرىقىڭ قاراڭغۇدا قالساڭ گەر ،
مەشئەل بولوپ چىراقنى ياقالايدۇ ئۆز ئاناڭ ،
يۇرسەڭ ئەگەر ئاش قىلىپ بىر بۇردا نان تاپالماي ،
ساھىل بولوپ سەن ئۈچۈن نان تاپىدۇ ئۆز ئاناڭ .

ئاشىق بولۇپ بىرىگە ،دىيەلمىسەڭ ئۆزىگە ،
سىنىڭ ئۈچۈن توي قىلىپ ئالالايدۇ ئۆز ئاناڭ ،
بەخىت تىپىپ يارىڭدىن كۈلكە چىقسا ئۆيۇڭدىن،
شۇ كۈلكەڭگە جۆر بولوپ كۈلەلەيدۇ ئۆز ئاناڭ .

ئائىلەڭگە بىر قوزوق قاقالايدۇ ئۆز ئاناڭ ،
تومۇروڭدا قان بولوپ ئالالايدۇ ئۆز ئاناڭ ،
بارىڭغا ھەم يوقۇڭغا شۈكرى قىلىپ ھەر قاچان،
پەخىرلىنىپ سىنىڭدىن ياشالايدۇ ئۆز ئاناڭ.

يۇرسەڭ ئەگەر ھاياتنىڭ پاتقىقىدا تىيلىنىپ ،
يۆلەك بولوپ بىر ئۆمۈر يۆلەلەيدۇ ئۆز ئاناڭ ،
كىلىپ ئەجەل نۆۋىتى يىتىپ قالساڭ قوپالماي ،
جاننى بىرىپ سەن ئۈچۈن ئۆلەلەيدۇ ئۆز ئاناڭ.
     





131 قېتىم كۆرۈلدى gulzira ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-20 1:59:22  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-24 2:02:06 ئادىل
ئىسىل ياشاپ كىتىڭ قىرىندىشىم
2016-12-22 15:04:29 تۇرغىناي
مەن بەك ياقتۇردۇم بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، تېخىمۇ گۈللەپ كېتىڭ گۈلزىرەم.
2016-12-22 15:04:28 تۇرغىناي
مەن بەك ياقتۇردۇم بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، تېخىمۇ گۈللەپ كېتىڭ گۈلزىرەم.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ