قىش كېچىسى ئەسلىدىم سېنى - يۈسۈپ نەمەنشاھ

قىش كېچىسى ئەسلىدىم سېنى

…  يۈسۈپ  نەمەنشاھ   …

بىز ئايلانغان كوچىنى بويلاپ،
بىللە ئېيتقان ناخشىنى توۋلاپ،
ھىدلىرىڭنى شامالدىن سۇراپ،
قىش كېچىسى ئەسلىدىم سېنى.

بايا سېنى كۆرۈپ تۇرۇقلۇق،
مانا ھازىر سېغىندىم ئوتلۇق،
سەن بەئەينى گۈزەل بىر چوغلۇق،
قىش كېچىسى ئەسلىدىم سېنى.

قار گۈللىرى چۈشسە لەپىلدەپ،
گۈزەل ھۆسنۈڭ كېلەر ئىسەدەپ،
ياشاپ كەلدىم بىر سېنىلا دەپ،
قىش كېچىسى ئەسلىدىم سېنى.

مەن بارىمەن  ئايدىڭدا تەنھا ،
چۈشلىرىڭنىڭ شېرىن باغرىغا،
سەن ئۇخلايسەن سېغىنىشىمدا،
قىش كېچىسى ئەسلىدىم سېنى.

2016-يىل 11-ئاي قومۇل

     





105 قېتىم كۆرۈلدى يۈسۈپ نەمەنشاھ ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-3 12:15:09  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ