كىردى يەنە جانىم چۈشۈمگە - غولامجان ئەمەت

كىردى يەنە جانىم چۈشۈمگە

 

غولامجان ئەمەت

 

كىردى يەنە جانىم چۈشۈمگە ،

بوستانلاردا تەنھايۈرگىدەك.

 ئوماق كۆزى سۇمبۇك چاچلىرى،

 يۈرەكلەرگە ئوتلارياققۇدەك.

 مەجنۇمتالدەك سۇمبۇل چاچلىرى،

 شاماللارداپەرۋازقىلغۇدەك .

 گۈل چېچەكلەرپايانداز بولۇپ،

 ئاياغىدىن گۈللارئۈنگىدەك.

 كۈلۈشلىرى شۇنچىلىك ئۇماق،

نازۇك تېنى ئىپار چاچقۇدەك.

 ئەگىم قېشى بىرجۈپ كۆزلىرى،

جاننى ئېلىپ يانغا قويغىدەك.

 گۈلدەك ھۆسنى ئايدەك چېھرىگە،

 گۈل ئەيمىنىپ بويۇن قىسقۇدەك.

گۈلزارلاردىن گۈل-چېچەك تىزىپ،

 ماڭا بىر تال سۇنۇپ تۇرغىدەك.





182 قېتىم كۆرۈلدى غولامجان ئەمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-6-18 13:38:59  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-6-21 17:21:12 گۈزەلنۇر
ياخشى يىزىپسەن قۇلۇڭغا دەت بەرمىگەي
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ