يىراقتىكى مەكتۇپ
رۇقىيە ئابدۇكېرەم
مېنىڭ ئاكام يوق، لېكىن سەن مېنىڭ بىردىنبىر ئاكام ئىدىڭ. بۈگۈن سەن مەندىن ئايرىلدىڭ، ئەركە سۆزلەپ بوينۇڭغا مىنىپ، گاھلاردا بارلىق كۈلكىلىرىمنىڭ خۇرۇچىنى ئىزدەيدىغان ، سېنى جىلە قىلىپ خۇش بولىدىغان سىڭلىڭنى تاشلاپ كېتىپ قالدىڭ.
ئارىمىزدا بىر تام پەيدا بولدى، بۇنى سەن توي قىلغان كۈنى ئاندىن ھېس قىلدىم . بۇرۇنقىدەك ئەركىلەپ بېرىپ قۇلۇقىڭنى سوزۇپ ئويناشتىن، مىنگەن ئېتىڭغا مىنگىشىشتىن ، ئىسمىڭنى ئۇدۇل چاقىرىشتىن ھېيىقىدىغان بولۇپ قالدىم.
سېنى ،سەندەك ئاكامنى مەندىن تارتىۋالغان يەڭگەمگە ئازراق قىزغىنىشممۇ بار ئىدى ، تۇرۇپلا سەن ياشىغان ھۇجراڭغا كىرىپ سېنىڭ ماڭا چىن تۆمۈر باتۇرنى ئېيتىپ بەرگەنلىرىڭنى، ھەدەپ ماڭا كىتاب ئوقۇتۇپ تىڭشاپ ئولتۇرغان ھالىتىڭنى ئەسلەپ قالدىم . ئەسلىمىلەرگە تولغان ھەربىر بۇلۇڭدا سېنىڭ ھىدىڭ، سېنىڭ سىمايىڭ تۇراتتى.
-ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ ياخشى ئوقۇيمەن دەپ ۋەدە قىلالامسەن ؟
-ئاكوي، ماڭىمۇ ئىشەنمەمسەن ؟!سىڭلىڭ دېگەن كىمۇ؟ ئۇدېگەن چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ سىڭلىسى، ئۇنتۇپ قالما جۇمۇ، -مەن ئەستايىدىللىق بىلەن سۇئال ئاغدۇرغان كۆزلىرىڭ ئەتراپىڭدا پەرۋانە بولۇپ جاۋاپ قايتۇرغانىدىم.
دېگەندەك مەن ياخشى بىر ئونۋېرستىتنىڭ ئۆزۈم ياقتۇرغان كەسپىگە قوبۇل قىلىندىم، ئۇقتۇرۇش قەغىزىنى تاپشۇرۋېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي سېنىڭ توي قىلىدىغانلىق خەۋىرىڭنى ئاڭلىدىم. لېكىن مەن خۇشال بولالمايتتىم، كۈلەلمەيتتىم. ئاخىرى ئۆزۈمنى يېڭىپ تەغدىرگە تەن بەردىم ، سەندەك قاپاقباشتىن ،كۈلكە دورامدىن ئايرىلغانلىقىمغا قورساق كۆپۈگۈممۇ بار ئىدى.
بارا بارا ساڭا گەپ قىلماس بولدۇم ، سەندىن نەپرەتلىنەتتىم، سېنى خوتۇنىنى سىڭلىسىدىن ئەۋزەل كۆرگەن شەرەپسىز دەپ يامانلاپ يۈرگەنىدىم ،بىراق مەن ئۇ چاغلاردا ھەقىقەتەن كىچىك ئىدىم ، مۇھەببەتنى قېرىنداشلىققا ئوخشاش دەپلا يۈرەتتىم ، ئۆزۈم سۆيگۈنىڭ نىمىلىكىنى بىلىشكە باشلىغان چېغىمدىلا ئۆزۈمنىڭ نەقەدەر شەخسىيەتچىلىكىمنى ھېس قىلدىم . ئاشۇ چاغدا ساڭا قىيداپ تويۇڭغا باھانە كۆرسىتىپ قېچىپ كېتىپ قاتناشمىغانىدىم، كېيىن بىلسەم ئۇ كۈنى سەن يىغلاپسەن.
نادانلىقىمنى ،كىچىكلىكىمنى كەچۈر ئاكا. سەن ماڭا سوۋغا قىلغان بارچە ئەسلىمىلەرنى قەلبىمنىڭ ئەڭ سۈزۈك جايلىرىدا ساقلاپ كېلىۋاتىمەن، سەن مېنىڭ ئاكاملا ئەمەس ،خۇشاللىقىم سەن. بۈگۈن سەندىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمەن، ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمنى ،ناتوغرا سۆزلىرىمنى كەچۈر ، بەخىتلىك بول ئاكا، ئاسمىنىڭنى يورۇتقان يەڭگەم ئىككىڭلەرنىڭ تېخىمۇ نۇرلىنىشىڭلارنى، خۇشاللىق تەبەسسۇملارنىڭ چېھرىڭلەردىن ئايرىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن .
مېنىڭ ئاكام يوق، ئەمدى راستىنلا يوق . ئەمما ماڭا كۆپكۆك ئاسماندا شۇڭقار كەبى ئۇچۇشنى ئۆگەتكەن باتۇرۇم بار! چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ سىڭلىسى مەن ،مەن مەختۇمسىلا، خىياللىرىم چېچىمدىن تولا، ئۆزۈمدىن يىراق ئۆتمۈش كاللامدا ئېقىندەك ئاقار... ئاكا، ئۆزۈمنىڭ ئاكىسى، يىرىك ساقاللارغا ئەسىرلىك ئۈمىد تاشلىغان غەمسىز ئاكا، يۇلتۇز ئۈزۈپ بوينۇمغا ئاسقان باتۇر ئاكا... مېنىڭ ئاكام ،مەڭگۈلۈك، پەقەتلا قېرىنداشلىقنىڭ ئاكا سىڭىللىق تاجىنى مەغرۇر تاقالايدىغان قەيسەر ئاكا... مېنىڭ پەخىرىمسەن ئاكا، بەخىتلىك بول !
2016-يىلى 23-ئىيۇن
74 قېتىم كۆرۈلدى | Rukiya | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-6-27 12:26:51 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|