تويىمىز بولسۇن - شاھى مەردانى

تويىمىز بولسۇن
شاھى مەردانى 


ئايرىلمىسۇن بىزدىن سۆيگۈ ۋە ۋاپادارلىق،
قەدىرلەش ھەم يول قويىشلار يولىمىز بولسۇن،
ئىگەم بەرسۇن تېنىچ تۇرمۇش مەڭگۈگە شادلىق ،
يالغان ئەمەس بۇ سۆيگىمىز تويىمىز بولسۇن·

ماڭا ئىشەن گۈزەل نىگار سېنى كۈتىمەن،
سېنىڭ بىلەن ھەر نەپەستە بىرگە ئۆتىمەن.
مەشۇغۇڭمەن ئاخىرغىچە قولۇڭ تۇتىمەن،
يالغان ئەمەس بۇ سۆيگىمىز تويىمىز بولسۇن·

ئاپئاق لىباس بىلەن ياندا قامەتلىرىمگە،
جۆر بولساڭ يار ئىللىقىنە ئۈيىمىز بولسۇن،
ھەمراھ بولغىن قىسمەت بىلەن ئامەتلىرىمگە،
يالغان ئەمەس بۇ سۆيگىمىز تويىمىز بولسۇن.

پەرھات شېرىن لەيلىلەردەك گويا مەجنۇندەك،
ساداقەتكە تولغان قەلىب كۆڭلىمىز بولسۇن،
شادلىنىمەن سېنى خىيال ئەيلىسەم يارىم،
يالغان ئەمەس بۇ سۆيگىمىز تويىمىز بولسۇن .
  





69 قېتىم كۆرۈلدى شاھى مەردانى ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-3 0:41:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ