ئانامغا سالام (شېئىر)
ئابدۇۋەلى ئابدۇغېنى
نازاكەت لەپىلدەر چېھرىدە ئانا ،
مېھىرلىك قولۇڭدا تەۋرەيدۇ ئالەم .
ھاياتتا سىنىڭسىز يوقتۇر ئەمىنلىك ،
ئەجرىڭدىن دىلىمغا تۈرەلگەن غايەم .
سەن بولغاچ قېتىلدىم ئەرلەر سېپىغا،
سەن بولغاچ يوللۇرۇم يۇرىدى سۈزۈك .
ئىناقلىق يولىدا بولىمەن سەركە ،
پەخىرلىك ئوغلۈڭغا ئايلىنىپ تۈزۈك .
ئاق سۈتۈڭ قەلبىمگە مەڭگۈ پاسىبان،
يىتىلەپ قولۇمدىن باشلار ئەل تامان.
قىزغىنىپ تەپتىڭدىن يېلىنجار قۇياش،
روھىڭنى قوغلىشىپ ئايلىنىپ ئاران .
ئاي خىجىل مېھىرلىك ساداقىتىڭدىن،
ئۇدۇمدۇر خىسلىتىڭ مەن ئۈچۈن ئانام .
روھىڭىز يۇلەكتۇر روھىمغا ئەبەت،
سىز ئۈچۈن تىزلىنىپ يوللايمەن سالام .
2017.3.13
كېرىيە توغرىغا باشتېرىم
83 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇۋەلى ئابدۇغېنى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-14 4:24:51 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-3-17 15:05:06 | ئەخەتچان |
تۈمۈر ئەمەس ئاناڭنڭ جېنى دېگەن شېئىر ياخشى چقپتۇ |
2017-3-17 15:05:05 | ئەخەتچان |
تۈمۈر ئەمەس ئاناڭنڭ جېنى دېگەن شېئىر ياخشى چقپتۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|