ئاناڭ شۇ ئۇ-ئايىقىغا سۆي
ئېزىز تۇرسۇن خەنجەرى
نى جاپادا چوڭ قىلغان سىنى،
سەن ئۈچۈنلا ئاققان تەر-قېنى،
بىرەر قېتىم ۋايساپ باقمىغان،
پەرزەنىت ئۈچۈن ئاغرىسا جېنى.
ئاناڭ شۇ ئۇ-ئايىقىغا سۆي،
سۈيىدە ئاق، ئۇتىدا ھەم كۆي .

كۈن چىققاندىن تاكى پاتقىچە،
تاڭدا تۇرۇپ تۈندە ياتقۇچە،
بالا ئۈچۈن ئارام تاپمىغان،
تەندە مادار تۇللۇق كەتكۈچە.
ئاناڭ شۇ ئۇ-ئايىقىغا سۆي،
سۈيىدە ئاق،ئۇتىدا ھەم كۆي.

نىمىسى بار ساڭا بەرمىگەن؟
سىنىڭ ئۈچۈن نىمە تەرمىگەن؟
تۇغۇپ، بېقىپ، قاتار قوشقىچە،
نى كۈن قالغان ئۇلار كۆرمىگەن...
ئاناڭ شۇ ئۇ-ئايىقىغا سۆي،
سۈيىدە ئاق ،ئۇتىدا ھەم كۆي.

بالا ئىدىڭ،بولدۇڭ بالىلىق،
ئىشىڭدا بار يەنە چالىلىق،
پەيدا بۇلار ئۈيۈڭدە دەرھال،
بالا باقالماي تاتساڭ خاپىلىق.
ئاناڭ شۇ ئۇ-ئايىقىغا سۆي،
سۈيىدە ئاق،ئۇتىدا ھەم كۆي.

ئېيتە،ئۇنىڭ ياشلىقى نەدە؟
سەرپ قىلدى،كىمگە قەيەرگە؟
ئادا بولماس قەرزىڭ بىر ئۆمۈر،
يۈدۈپ بارساڭ مەككە،ھەرەمگە.
ئاناڭ شۇ ئۇ-ئايىقىغا سۆي،
سۈيىدا ئاق،ئۇتىدا ھەم كۆي.

ھۇشيار بولغىن،كىتىپ قالمىسۇن،
ئۈيىدە يالغۇز يېتىپ قالمىسۇن،
يوللۇرۇڭغا تەلمۈرگەن پېتى،
ئىڭەك چۈشۈپ،قېتىپ قالمىسۇن....
ئاناڭ شۇ ئۇ-ئايىقىغا سۆي،
سۈيىدە ئاق،ئۇتىدا ھەم كۆي.
2015-يىل 7-نويابىر ئاقسۇ
| 100 قېتىم كۆرۈلدى | ئېزىز تۇرسۇن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-2-28 13:56:30 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|