بىزدە بولسۇن ئۇيغۇرۇم - ئابدۇرەشىد ئابدۇكېرىم
بىزدە بولسۇن ئۇيغۇرۇم
 
ئابدۇرەشىد ئابدۇكېرىم
 
بىزدە بولسۇن ئۇيغۇرۇم، ئانىلار شۇ مائارىپى،
ئىلىم-ئىرپان باغچىسىدا ئۇزۇق ئالسۇن بالىلار.
ئايرىلىپ قالدى بىزدىن ئانا مەكتەپ مائارىپى،
تارتتى ئاچچىق ساۋاقنى شۇ ئۇماق تاتلىق بالىلار.

بىزدە بارتى ئەسلىدە،بالىلار ئانا مەكتىپى،
قالدى ئانىلار ساۋاتسىز،بولدى نادان بالىلار.
ئويۇن ئويناپ قاش ئېتىپلا،بولدى شۇنداق ساۋاتسىز،
كارى بولماي ئانىلار،نادانلىقتا شۇ بالىلار.

شۇنداق نادانلىقتا ياشىدۇق،قاشاقلىقتا بالىلار،
ئىزچىل بولماي ئىشلاردا بىز،سالدۇق شۇنداق قاشاقلىق.
چالا ساۋاتتا يېتىلگەن ئىشچان دۈمچەك ئانىلار،
قالدى شۇڭا بالىلار ،چالا ساۋاتتا،نادانلىق.

ئەيىپلەيمىز شۇنچىلا باشقىلاردىن بىز ئۈگەنمەي،
ئۆزىمىزنى چوڭ تۇتۇپ،شىلتىڭ ئىتىپ بۇ زاماندىن.
ئەۋلادىمىز يۈرۈپتۇ ئەيدىز يالاپ مۆرىمەي،
نادانلىقنىڭ تۈپەيلى چۈشۈپ قالدۇق شۇ قاتاردىن.
ئىلىم پەندىن سۆز ئىچىلسا،ھۆكۈرەيمىز-بىز تېخى،
سانائەتكە يۈرۈش قىلماي خېقىرايمىز-بىز تېخى.
پەن-سانائەت بولمىسا شۇ قىممىتىڭمۇ يوق سېنىڭ،
پاتماي قالىمىز سەنەگە،ناخشا ئەيتىپ بىز تېخى.

بىزدە بولسا ئىلىم-پەن،ئىشلىرىمىزمۇ ئوڭ بۇلا،
ئالقىش ياڭرىتىپ جاھانمۇ خەلقىمىزمۇ خوش بۇلا.
ئۈگەنگەندە ئىلىمنى،كۆلىمىزمۇ ھەم خوش بۇلا،
شۇندا باسساق قەدەمنى گۈل-سانائەتمۇ خوش بۇلا.
يېراقتىن گەپ ئۇرۇپ چالساق چاۋاكنى چىقماسمىكىن،
ئەھلى ئىززەت ھېكمىتى بولمىسا ھەم بولماسمىكىن.
پۇت تېرەپ تۇرماسمىكىن قۇرۇق تاغار شۇ ئورنىدا،
تاپمىساق ئىززەتنى بىز، ھۆرمەتمۇ ھەم بولماسمىكىن.

ئىلىم-ھېكمەت ئەھلىدىن بولساق ھۆرمىتىڭمۇ ئاشار،
دانالىقتا ياشاپ ئۆتسەك،ئىخسانىمىزمۇ ئاشار.
ئەدەپ ئەخلاق باپىدا بولساق، ھىممىتىمىزمۇ ئاشار،
ئەۋلاتلار بولسا بىلىمدار ئۇنىڭدىن شۇ بال چىقار.

نامراتلىقنىڭ ئورنى يوقتۇر، ھېكمىتىڭ شۇ بولسىلا،
دىشۋالىقتا ياشىمايسەن، گۈل-سانائەت بولسىلا.
ئىلىم-ئىرپان مائارىپىنى ئۆز-ئۆيمىزدىن باشلىساق،
ھارماس يۈرەكلەر بىخ ئۇرۇپ ھەم گۈل چىچەككە ئۇرىسا.
يەھۇدىلار بولغانتى ھاياتىدا ھەم قوغلاندى،
ئورنى يوق سەرسان يۈرۈپمۇ تاپتى شۇنداق ھېكمەتنى.
بولدى شۇنداق ھەممىدە،ھەم،ئىلىم پەندىن نۇر ئىلىپ،
چىقتى ئاندىن تەختىگە ئۇ،ئىلىم بىلەن كۈچ تېپىپ.

پەن-سانائەت كۈچىدا بولدى ئۇلار ھەم-ھەممىدە،
تەمتىرەتتى بارچە ئەلنى،ئۈزۈپ چىققاش ھەممىدە.
بىزمۇ شۇنداق بولغانىدا باشقىلارمۇ تەلمۈرە،
يېتىلدۈرسەك ئەۋلاتنى زەر تۈكىدۇ شۇ ھەممىدە.

نەپەس ئىلىپ ئازادە، گۈللەندۈرسەك ھەم ۋەتەننى،
ناخشا-ئۇسۇلنى ئاز ئويناپ يېتىلدۈرسەك ساپانى.
بىلگەنلەردىن ئۈگۈنۈپ گۈللەندۈرسەك شۇ زاماننى،
بولسۇن شۇڭا ئۇيغۇرۇم-ئۇيغۇر ئانا مائارىپى.

ئۈزۈلمىسۇن رىشتىمىز، ئۈمۈدىمىزمۇ ئېچىلسۇن،
يېتىلگەندە ئەۋلاتلار گۈل چىچەككە ھەم پۈركىسۇن.
خۇشاللىقتىن خەلقىڭنىڭ كۆڭىللىرىمۇ يايرىسۇن،
شۇندا مەخسەت ھاسىل بۇلۇپ، ئۈمۈدۈمىز ئاقلىسۇن!
 
- شىپائى
 2016-يىلى ئۈندىدار:13999215195





94 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-3-15 13:07:13  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ