بىلىپ قال

«بىلىپ قال»

 

ئاپتۇرى:ئېھسان(ئاۋات)

 

 يارالغانمۇ سۆيگۈلەر ئىنسانغىلا باغلاشقا؟

 تۆتكۈنلىكلا مۇھاببەت بەشىنچىسى تاشلاشقا؟

 داغدا قۇيۇپ يۈرەكنى زەرداپ قىلىپ تاتلاشقا؟

 بۇ سۆيگۈمنى بىر ساڭا بېرەلمەيمەن بىلىپ قال.

 

 سۆيگۈ دىگەن ئۇ ئۆزى ئاداقىچە ئۆلگىچە،

 ئاخىرەتتە بىھشتە تەبەسسۇمدا كۈلگىچە.

 زالالەتتىن يىراق بۇپ ساداقەتنى بىلگىچە،

 يالغان سۆيگۈ سورىساڭ بىرەلمەيمەن بىلىپ قال.

 

 ئەل-ۋەتەننىڭ سۆيگۈسى گويا ئالتۇن مىسالى،

 خەلق سۆيگەن يىگىتلەر تاپار سۆيگۈ ۋىسالى.

 نۇزۇك,سادىر پالۋانلار بۇ سۆيگۈنىڭ دەلىلى،

 شەھۋەت سۆيگۈ سورىساڭ بىرەلمەيمەن بىلىپ قال.

 

 ئەل-ۋەتەننى سۆيگەنلەر تاپار مىھرى-مۇھاببەت،

 شەخسىيەتچىل مۇھاببەت ئاخىرى ئۇ قاباھەت.

 مۇھاببەتنى ئىنسانغا خاسلا قىلغان ھاماقەت،

 يالغان سۆيگۈ-مۇھاببەت بىرەلمەيمەن بىلىپ قال.

 

 ئونبەش ياشقا توشمايلا مۇھاببەت دەپ يۈرىسەن،

 يۇقالغاندا ئەنگۈشتەر ئاھ ئۇرىسەن ئۆلىسەن.

سورالغاندا ئىپىتىڭ قانداق جاۋاپ بېرىسەن،

 ساقتا سۆيگۈ-مۇھاببەت بىرەلمەيمەم بىلىپ قال.

 

 2015/5ئاۋغۇست(ئاۋات)

ئۇندىدار1410037590/ihsan571633





195 قېتىم كۆرۈلدى ihsan571633 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-12 7:14:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-15 12:40:51 Izdinix
yahxi dawamlik tirixkin
2015-8-13 10:39:01 ahattirgul
yahxi yizipsiz tihimu tirixing
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ