غېرىپ بۇۋاي

غېرىپ بۇۋاي


ھاردۇق يەتتى بىلەككە،

ئۆزەم چۈشتۈم تىرەككە.

بالىلىرىم نەلەردىدۇ،   

ھېچ كەلمىدى كىرەككە.


   ئاغرىپ قالسام كىشىم يوق،

نان چايناشقا چىشىم يوق.

موماي كەتكەچ يېنىمدىن،

بىر پىيالە ئېشىم يوق.


ئەتىراپىم توپا - چاڭ،

يۆتەل بىلەن ئاتار تاڭ.

بۇۋاق كەبى ئايلىنىپ،

   ياتقان يىرىم موشۇ كاڭ.


دادا ھالىڭ نىچۈن دەپ،

بىرەرىمۇ كەلمىدى.    

     ھايات تۇرۇپ بەرسەم مەن،

ھېچ ھالىمغا يەتمىدى.


ئۇزۇن قالماي كىتەرمەن،

كۆزىڭلەردىن يۈتەرمەن.  

ئاناڭلارنىڭ قېشىدا،      

بەخىت تېپىپ كۈلەرمەن.


   شۇچاغ ئىزدەپ كەلسەڭلەر،

توپا باسقان كەپەمگە.    

قېلىپ قالار ئىزلىرىم،   

ياشلار ئاققان كۆرپەمدە.


2015-9-16 





303 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-19 11:16:51  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-1-13 21:06:25 huxhui
ئ‍اتا ئ‍انىلار ھايات ۋاقتىدا قەدرىگە يېتەيلى
2015-9-20 0:28:26 ﺗﻮﺧﺘﻮﻏﯘﺟﻰ
ﺋﺎﺗﯩلا مەﯕگۈ ﻳﺎشىسۇن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ