دادام - --تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى)

دادام

 

 --تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى)

 

جان دادام شاھ دادام پادىشـــاھ دادام،

 سىز بولغــــــاچ شاتلىنار يۈرىكىم دادام،

 تاغ دىسەم تېغىمسىز باغ دىسەم بېغىم،

ئۇلۇغلۇق بېتىدە تەڭـــداشـســز دادام.

بەللىرى ئىگىلگەن قـــــــــولى قاپارغان،

 قۇندۇزدەك چاچلىرى قاردەك ئاقارغان

جاپاغا چىدىغـــــان تاشلاپ قاچمىغان،

 مىھنەتكەش جاپاكەش مىھرىبان دادام.

 يىگىتلىك قامىتى خــــورىغــــان تۈگكەن،

 بالام دەپ بىر ئۆمۈر غېمىم يەپ ئۆتكەن،

 ھاياتتا ساناقسىز دەرت ئەلەم يـــۈتكەن،

تىرىشچان غەيرەتلىك ئاقكۆڭــۈل دادام.

ۋىجدانى ھەمراھتۇر ھايات يــــــولىغا،

ساختىلىق ئارلاشماس نــــازۇك دىــلىغا،

ھارامنى سۇنماس ئۇ زىنھار قـــــولىغا،

 ۋىجدانلىق خۇشچىراي مەردانە دادام.

 

2016-07-09ئۈرۈمچى





122 قېتىم كۆرۈلدى تۇنساگۇل ئىسمائىل ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-7-9 21:25:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ