·—ھەسرەتنامە—·
ئابدىراھمان ھېكىم ئىشەنچ
ئىنسان دەپ مېھرمنى شۇنچە بەرسەممۇ،
شۇ ئازغىنە مېھرىنى بەرمىدى ماڭا.
بارلىقىم بىلەن ھەم ئۇنى سۆيسەممۇ؟
سۆيگۈمنى چىن بىلمەي سۆيمىدى يانا.
شۇنچىلىك قەدىرلەپ ھۆرمىتىنى قىلسام،
ئەقىدە قىلمدى بىۋاپا بولغاچ.
ھەر دائىم دۇئالەر قىلىپ تۇرساممۇ.
توغرا يول غەپلەتتە قالغاچ.
بىر كىتىپ كەلمىدى كىلىمەن دېدې.
ھەر دەقىق تەلمۈرۈپ كۈتسەممۇ ئۇنى،
بىلدىم مەن ئەسلىدە يۈركى تاشكەن،
ياپقاچقا ئۈستىگە نادانلىق تونى.
ئازاپ چىكىپ يىغلاپ يۈرسەممۇ گەرچە،
بىلسىمۇ يەنىلا پەرۋاسىز يۈردى.
بىر ئاچچىق ئازاپنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ،
ھەريەردە خوش بۇلۇپ ئېچلىپ كۈلدى.
گالدىن تاماق ئۆتمىگەن ئۇشبۇ دەقىق،
كۈرسىمۇ كور بۇلۇپ كۆرمەسكە سالدى.
بەزلەر پەيىت تاللاپ يۈرەك مۇجىسا،
ھالىڭ نىچۈن جانان دىمەستىن تاندى…
كىچىكىپ چۈشەندىم ۋاپاسىز يارنى،
ھەققىي سۆيمەپتۇ ئەسلىدە مىنى.
پەندىيات ئالدىراپ بەرمەسمەن كۆڭۈل،
بىراۋلار ئاتىسىمۇ بارىنى جېنىنى.
2016-يىل10-ئاينىڭ28-كۇچا
303 قېتىم كۆرۈلدى | ixanq | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-29 20:09:34 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|