تۇغۇلدۇم دۇنياغا بىر ئەركەك بولۇپ
يۈسۈپجان سايرامى ( زىنھار )
تۇغۇلدۇم دۇنياغا بىر ئەركەك بولۇپ ،
مەن ئەمەس ھاياتتا ھەۋەسنىڭ قۇلى .
يۈرمەيمەن ھەسرەتتە كۈندە ئاھ ئۇرۇپ ،
قەلبىمدە نۇر چاچار بەخىتنىڭ نۇرى .
ياشايمەن ھاياتتا ئۈمۈدكە تولۇپ ،
قەددىمنى ھەرچاغ تىك تۇتۇپ ھامان .
ئالدىمنى توسالماس جۇدۇن-چاپقۇنلار ،
قىلمەن بىر كۈنى تاغىنىمۇ يەكسان .
بىرى كېلىپ دىدى بىچارە ئىنسان ،
كىرەكتۇر ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈش.
مەن دىدىم ھەي بىلمەس ئەقىلسىز نادان ،
خار ئىشتۇر ئەركەككە لاغايلاپ يۈرۈش .
ھېرىس ئەمستۇر پۇل-مالغا كۆڭلۈم ،
قەلبىمدە كۆكلەيدۇ ئارزۇ-ئارمانلار .
ساختىغا ئىشەنمەس ئالدانماس كۆڭلۈم ،
يوقتۇر شۇڭا ھېچقاچان دەرت-ئازابلار .
ھاياتتا ياشىساممۇ ئاددىي گەرچە ،
ئەخلاقتىن چەتنەپ كەتمىدىم قىلچە .
ۋىجدان ۋە غورورنى گۆھەر دەپ بىلدىم،
يول ماڭسام تۈز ماڭدىم ماڭمىدىم قىرچە.
خارلىما ئەي ئەركەك ھالال جۈپتىڭنى ،
بەختىڭدۇر ئامانەت ئۇ ساڭا بەرگەن .
يىراق قىل قەلبىڭدىن نىجىس شەيتاننى ،
ئۇ ساڭا تىكەن ئارسىدىن گۈل تەرگەن .
يوقۇتۇپ ئەسلىڭنى غورور ۋىجداننى ،
خار قىلدىڭ سۈت بەرگەن ئاجىز ئاناڭنى.
ئېيتقىنا سەنمۇ بىر ئەركەك بولدۇڭمۇ ،
يەيسەنغۇ بىر كۈنى ھامان جاجاڭنى .
قىز تۇرۇپ تۇرمۇشتا قاقشاپ باقمىدى ،
يول يۈرسە تۈز مېڭىپ ئاقساپ باقمىدى.
پاك ياشاپ ،پاك ئۈتۈپ شەيتاندىن قېچىپ ،
ئاھ ئۇرۇپ كۆزىنى ياشلاپ باقمىدى .
ئەقىل تاپ ئەي ئەركەك كۆكلەي دىسەڭ ،
تۆت كۈنلۈك دۇنيا ئىنسانغا بىلسەڭ .
شۇ چەكلىك ھاياتتا قالدۇرغىن تۆھپە ،
ئەركەك دەپ تۇنىسۇن خەلىقىم دىسەڭ .
2016-يىل 12-ئاينىڭ 26-كۈنى ( كېچە )
##ئاپتۇر ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ ##
| 155 قېتىم كۆرۈلدى | zinhar | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-27 2:20:28 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|