كىچەلمەيمەن سېنىڭدىن يارىم - ئېلىجان ئابدۇكىرەم

كىچەلمەيمەن سېنىڭدىن يارىم

ئېلىجان ئابدۇكىرەم

ساڭا ئاشىق مەستانە بولۇپ ،
كېتەلمەيمەن يېنىڭدىن يارىم.
يار ئوتۇڭدا دېۋانە  بولۇپ ،
كىچەلمەيمەن سېنىڭدىن يارىم.

مىجەزىڭگە مەپتۇن بولغان مەن،
پېراقىڭدا مەجنۇن بولغان مەن.
ئىشقى ئوتىغا سېلىپ قويغان سەن،
كىچەلمەيمەن سېنىڭدىن يارىم .

ئاشىق بولدۇم ياخشى خۇيۇڭغا،
مەپتۇن بولدۇم غۇنچە  بۇيۇڭغا.
تەلمۆرەرمەن كۈندە يولۇڭغا،
كىچەلمەيمەن سېنىڭدىن يارىم.

دىل خانەڭدىن ئورۇن تىلەيمەن،
بىر ئائىلە سورۇن تىلەيمەن.
سەندىن باشقا يارغا كۆنمەيمەن،
كىچەلمەيمەن سېنىڭدىن يارىم.

بۇ كۆڭلۈمنى ساڭىلا بەردىم،
مەن سېنىڭكى سەن مىنىڭ بەختىم.
ساڭا تەشنا مىسكىن بۇ قەلبىم،
كىچەلمەيمەن سېنىڭدىن يارىم.

ناخشا تېكستى
ئۈندىدار 2318334127

2016...9...17     





101 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-17 23:33:55  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ